- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئاپتونوم رايوننىڭ تەيۋەنگە قارىتىلغان خىزمەتلەر يىغىنى ئېچىلدى
2014.02.24 09:32 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، ئاپتونوم رايونلۇق تەيۋەنگە قارىتىلغان خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى
تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى : 20-فېۋرال ، ئاپتونوم رايون تەيۋەنگە قارىتىلغان خىزمەتلەر يىغىنى چاقىرىپ ، مەملىكەتلىك تەيۋەن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ ، 2013-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ تەيۋەنگە قارىتىلغان خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلەپ ، بۇ يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ تەيۋەنگە قارىتىلغان خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى . ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، ئاپتونوم رايونلۇق تەيۋەنگە قارىتىلغان خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.
شاۋكەت ئىمىن مۇنداق كۆرسەتتى : 2013-يىلى ، ئاپتونوم رايون تەيۋەنگە قارىتىلغان ئىقتىسادىي خىزمەتلەرنى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇپ ، تەيۋەن بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ، تەيۋەنگە بولغان تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ ، ئاپتونوم رايوننىڭ تەيۋەنگە قارىتىلغان خىزمەتلىرىدە يېڭى تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈردى . 2014-يىلى ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ، ھۆكۈمەتلەر ۋە ئالاقىدار تارماقلار بۇلتۇرقى خىزمەتلەر ئاساسىدا ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى يېڭى ئىدىيەسى ، يېڭى تەشەببۇسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ ، تەيۋەنگە قارىتىلغان خىزمەتلەرگە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت يۈكسەك نۇقتىئىنەزەر بويىچە مۇئامىلە قىلىشى ، پىكىر قىلىشى ۋە پىلان كۆرسىتىشى كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىنى ، يېڭى پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ، شىنجاڭ-تەيۋەن ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك . يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ ، ئۈرۈمچىنىڭ مەركىزىي شەھەرلىك فونكىسىيەلىك ، باشلامچىلىق رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ، ‹‹جۇڭگو — ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى ›› قاتارلىق سەھنىلەرگە تايىنىپ ، تەيۋەننىڭ ئىقتىساد ، سودا-سانائەت ساھەسىدىكىلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ ، ئۇلارنى شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە ۋە تەكشۈرۈشتە بولۇشقا جەلىپ قىلىشىمىز كېرەك .
ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جارۇللا ھېسامىدىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى . ئاپتونوم رايونلۇق بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ شىنيوۋ خىزمەتلەردىن دوكلات بەردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر