- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شىنجاڭدا كۆزىگە ئاق چۈشكەن بەش مىڭ نامرات بىمار ھەقسىز ئوپىراتىسيە قىلىنىدۇ
2014.02.19 13:28 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17-فېۋرال، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر خىزمەت يىغىنى چاقىرىلدى، 2014-يىلى ئاپتونوم رايون تۆت تۈرلۈك نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا 70 مىليۇن يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، نامرات مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىش، خىزمەتكە ئورۇنلىشىش قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردىن تۇرمۇشىنى ياخشىلايدۇ. كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشكەن نامرات بىمارلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈرىگىلا ئاجرىتىلغان 6 مىليۇن يۈەندىن بەش مىڭ نەپەر بىمار مەنپەئەتلىنىدۇ.
2014-يىللىق ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن 150 تۈرلۈك نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدا مېيىپلەر تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا مۇناسىۋەتلىكى 4.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى ئەركىن تۇراخۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جارۇللا ھېسامىدىن يىغىنغا قاتناشتى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر