باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تەكلىماكاننى ئايلىنىش مۇسابىقىسىنىڭ 10 يىللىقىدا غالىبلارغا ئېھتىرام

2014.02.18 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەكلىماكاننى ئايلىنىش مۇسابىقىسىنىڭ 10 يىللىقىدا غالىبلارغا ئېھتىرام، 2014-يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىشىغا تەشكىللەش 17-فېۋرال رەسمىي باشلاندى. مۇخبىرنىڭ تەكلىماكاننى ئايلىنىش تەشكىلىي كومىتېتىدىن ئېگلىشىچە، 2014-يىلى تەكلىماكاننى ئايلىنىش پىلانىغا تەشكىللەش كاتىبات باشقارمىسى، ئارقا سەپ مۇلازىمىتى، ئاخبارات مەركىزى، قۇتقۇزۇش كاپالىتى قاتارلىق 14 ئورۇنغا 124 نەپەر پىدائىي قوبۇل قىلىنىدىكەن. پىدائىيلار ئۇدا 12 ـ 17 كۈندىن ئارتۇق مۇلازىمەت قىلىدىكەن.

  تېزىملاش خىزمىتى 17-فېۋرال باشلىنىپ ، 15-ئاپرېل ئاياقلىشىدىكەن. تەكلىماكاننى ئايلىنىش تەشكىلىي كومىتېتى دەسلەپكى ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن، مۇۋاپىق بولغان نامزاتلارغا يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئورۇنلاشتۇرىدىكەن. تېزىمغا ئالدۇرۇشنى خالايدىغان پىدائىيلار تەكلىماكاننى ئايلىنىش ھۆكۈمەت تەرەپ تورى (www.atr123.com) دىن تېزىمغا ئالدۇرۇش جەدىۋىلىنى چۈشۈرۈپ تېزىملاتسا بولىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر