- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش كادىرلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈشكە سەپەرۋەرلىك قىلدى
2014.02.18 15:47 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ يەنلياڭ ئالاقىدار سۆزنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ھەمدە سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى كادىرلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ ‹‹خەلقنىڭ ھال–ئەھۋالىنى ئىگىلەپ ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈپ ، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش ›› پائالىيىتىگە سەپەرۋەرلىك قىلدى
تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: 17-فېۋرال چۈشتىن كېيىن ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنى كادىر ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر يىغىنى ئېچىپ ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ، سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى كادىرلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ ‹‹خەلقنىڭ ھال–ئەھۋالىنى ئىگىلەپ ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈپ ، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش ›› پائالىيىتى توغرىسىدا سەپەرۋەرلىك قىلدى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى .
يىغىندا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەننىڭ ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردىكى كادىرلارنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ ‹‹خەلقنىڭ ھال–ئەھۋالىنى ئىگىلەپ ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈپ ، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش ›› پائالىيىتىگە سەپەرۋەر قىلىش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى .
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ يەنلياڭ يىغىندا ئالاقىدار سۆزنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ھەمدە سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى كادىرلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ ‹‹خەلقنىڭ ھال–ئەھۋالىنى ئىگىلەپ ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈپ ، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش ›› پائالىيىتىگە سەپەرۋەرلىك قىلدى .
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر