ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۆمۈريول ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە ، 12-فېۋرال سائەت 17:19:52 دە، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىدە 7.3 بال يەر تەۋرىگەنلىكتىن ، قەشقەر-خوتەن تۆمۈريولىنىڭ خوتەندىن قاراقاشقىچە بولغان ئارىلىقى قامال قىلىنغان ، نۆۋەتتە ، تۆمۈريول خىزمەتچى خادىملىرى لىنىيە ۋە ئەسلىھەلەرگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ ، چاتاق يوقلىقى (ياخشى ئىكەنلىكى) جەزملەشتۈرۈلگەندىن كېيىنلا ئېچىۋېتىلىپ، نورمال يۈرۈش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن .