باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى %85 تىن ئاشۇرۇشقا تىرىشىدۇ

2014.02.12 17:14         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىياسەت بوسۇغىسى تۆۋەنلىتىلىپ، رەسمىيەت ئاددىيلاشتۇرۇلىدۇ

  جاڭ شىنيۈنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ 2014 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش خىزمىتى تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايون بۇ يىل ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىر ئارقىلىق ئالىي مەكتەپنى پۈتگۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتگۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى %85تىن ئاشۇرۇشقا تىرىشىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى بۇ يىل ئىگىلىك تىكلەش ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇلى، كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تولۇقلىما پۇلى، كەسىپ – تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەش تولۇقلىما ياردەم پۇلى قاتارلىق جەھەتلەردىكى يۆلەشتە بوسۇغىنى تۆۋەنلىتىپ، بېجىرىش رەسمىيەتلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. مەكتەپ، كارخانا ۋە ئاساسىي قاتلاملاردا چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتگۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېھتىياجىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى توغرا ئىگىلەپ، يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى تۇتقا قىلىپ خىزمەتلەرنى نىشانلىق قانات يايدۇرىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر دەرىجىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى توقۇلما كىيىم – كېچەك كارخانىلىرى قاتارلىق ئەمگەك سىجىللىقى يۇقىرى ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى ئىش ئورنى تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ‹‹سىياسەت تۈزۈش، ئۇچۇر يەتكۈزۈش، ئىش ئورنى ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش›› قاتارلىق مەخسۇس تېمىدىكى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ماس كېلىدىغان خىزمەت ئورنى ئۇچۇرلىرىنى توپلايدۇ ۋە ئېلان قىلىدۇ. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن، ئىشقا ئورۇنلىشىشى تەس بولغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارغا ئىشقا ئورۇنلىشىش تۈرى ۋە ئىش ئورنىنى ئالدىن تەۋسىيە قىلىدۇ، شەھەر، يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەرنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن پەرزەنتلىرىگە خىزمەت ئىزدەش ياردەم پۇلى تارقىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ئىزدەش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

  ئاپتونوم رايون بۇ يىل ‹‹مەكتەپ پۈتكۈزۈپ تېخىچە ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانى››نى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلارغا ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىشسىزلىقنى تىزىملىتىشتا ھەقىقىي ئىسمىنى قوللىنىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ ھەم بۇنى جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ۋە ئىختىساسلىقلار مۇلازىمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ. ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بارلارغا بىرگە بىر مۇلازىمەت قىلىپ، ئۇلارنى ئاز دېگەندىمۇ ئۈچتىن ئارتۇق ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. كەسپ – تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەشكە تونۇشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەشكە تەشكىللەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىراكتىكىسىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار، مەكتەپتىن ئايرىلىپ تېخى ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلارنىڭ يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىدۇ ياكى ئۇلارنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تەييارلىق قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا ئەۋەتىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايون دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرلىرىنى بىر تۇتاش ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، كارخانىلارنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش، خىزمەتچى ئىشلىتىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، شەھەر، يېزا، ساھە، سالاھىيەت، جىنس قاتارلىق باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تەسىر يەتكۈزىدىغان بارلىق توسالغۇ ۋە كەمسىتىشلەرنى تۈگىتىپ، ئادىل، باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇھىتى بەرپا قىلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، 2013 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر 73 مىڭ 768 بولۇپ، 2012 – يىلىدىكىدىن 5413 ئادەم كۆپەيگەن. بۇلتۇر 12 – ئاينىڭ 25 – كۈنىگىچە ئالىي مەكتەپنى پۈتگۈزگەنلەردىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 65 مىڭ 243 بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %88.44كە يېتىپ، 2012 – يىلىدىكى بىلەن ئاساسەن تەڭلەشكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر