باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون بۇ يىل ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن كۈندۈزى خەۋەر ئېلىش كارىۋىتىدىن 4000 نى كۆپەيتىدۇ

2014.02.12 17:09         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياڭ يىڭچۈننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن ئۇقۇشىچە، ئاپتونوم رايون بۇ يىل سىياسەت ئارقىلىق مەدەت بېرىش، ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرى تور قۇرۇلۇشى، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش جەھەتلەردىن قول سېلىپ، ئائىلە، مەھەللە، ئاپپاراتلار ئۆزئارا قوللايدىغان، ماس تەرەققىي قىلىدىغان ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يىل ئاخىرىغىچە شەھەر، يېزىلاردىكى مەھەللىلەردە ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن كۈندۈزى خەۋەر ئېلىش مۇلازىمەت كارىۋىتىدىن 4000نى كۆپەيتىپ، تۈرلۈك كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىدىكى كارىۋات سانىنى 48 مىڭغا، ھەر 1000 ياشانغان كىشىگە توغرا كېلىدىغان كۈتۈنۈش كارۋىتىنى 20گە يەتكۈزىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى مو جۈەن مۇنداق دېدى: سىياسەت ئارقىلىق مەدەت بېرىشتە، گوۋۇيۈەن بۇلتۇر 9 – ئايدا ‹‹كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر››نى تارقاتتى، ئاپتونوم رايون بۇ يىل ئىمكانقەدەر تېز ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولغا قويۇش ‹‹پىكرى››نى ئېلان قىلىپ، مەبلەغ سېلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش، يەر بىلەن تەمىنلەش، تولۇقلىما ئارقىلىق قوللاش قاتارلىق ئېتىبار سىياسەتلەرنى زور كۈچ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرى قۇرۇشىغا ۋە ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، داۋالاش، كۈتۈش، روھىي جەھەتتە تەسەللىي بېرىش، جىددىي قۇتقۇزۇش قاتارلىق ياشانغانلار مۇلازىمىتى تۈرلىرىنى يولغا قويۇشىغا مەدەت بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرى تور قۇرۇلۇشىنى زورايتىپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، ئائىلە مۇلازىمەتچىلىكى، ئۆي – زېمىن شىركەتلىرىنىڭ مەھەللىلەردە ياشانغانلارنى غىزالاندۇرۇش، ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن كۈندۈزى خەۋەر ئېلىش، ياشانغانلار پائالىيەت مەركىزى قاتارلىق مۇلازىمەت تۈرلىرىنى يولغا قويۇشىغا مەدەت بېرىدۇ ھەم بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان ئائىلىلەرنى بېقىش، ھەمكارلىشىپ بېقىشنى ئاساس قىلغان مۇكەممەل يېزا كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىل يەنە كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال مەسئۇلىيەت سۇغۇرتىسى تۈزۈمى، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ دەرىجىسىنى باھالاش ۋە ئىسلاھ قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرىنىڭ تىجارەت شەكلىنى ئىسلاھ قىلىپ، ‹‹ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى پۇقراۋى تىجارەت ئەندىزىسى›› ئۈستىدە پائال ئىزدىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايون بۇلتۇر ‹‹پۇقراۋى كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىغا ياردەم بېرىش چارىسى››، ‹‹ۋىلايەت، ناھىيەلەرنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلمىي ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر›› قاتارلىق يەتتە تۈرلۈك سىياسەتنى ئېلان قىلىپ، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرگەن ھەم 374 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مۇلازىمەت مەركىزى، ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن كۈندۈزى خەۋەر ئېلىش مەركىزى قاتارلىق 107 ياشانغانلار پاراۋانلىق ئەسلىھەسى تۈرىنى يولغا قويغان. ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرىنىڭ غول تورى ئاساسەن شەكىللەنگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر