باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىمالىي شىنجاڭدىكى قار ئاپىتىدە 140 مىڭ ئادەم زىيانغا ئۇچرىدى، بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان 22 مىليۇن 820 مىڭ يۈەنگە يەتتى

2014.02.11 17:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-فېۋرال مۇخبىرنىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقىدىن ئىگىلىشىچە، 2- ئاينىڭ باشلىرىدا شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى غۇلجا،چۆچەك قاتارلىق سەككىز ناھىيە ـ شەھەر بۇ يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ قار ھوجۇمىغا ئۇچرىغان، قار ئاپىتىدە 14 مىڭ 9 ئادەم زىيانغا ئۇچرىغان، سەككىز ئادەم ئاپەت تۈپەيلىدىن كېسەل بولۇپ قالغان، بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان 22 مىليۇن 820 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.

  خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى، 30-يانۋاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئىلى ئوبلاستى قورغاس ناھىيەسى، كۈنەس ناھىيەسى، غۇلجا شەھىرى، چاپچال ناھىيەسى، توققۇز تارا ناھىيەسى، غۇلجا ناھىيەسى، تېكەس ناھىيەسى، چۆچەك ۋىلايىتى دۆربىلجىن ناھىيەسى قاتارلىق ناھىيە (شەھەر)لەردە ئۇدا داۋاملاشقان قارلىق ھاۋا رايى كۆرۈلۈپ، قار ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. قىسمەن ناھىيە شەھەرلەردە يىغما قارنىڭ قېلىنلىقى 45 سانتىمېتىرغا ، تاغلىق يېزا كەنتلەردە يىغما قېلىنلىقى 60 ـ 80 سانتىمېتىرغا يەتتى، تاغلىق رايوندىكى چارۋىچىلارنىڭ يولى توسۇلۇپ قالدى، قىسمەن رايونلاردا قار كۆچۈش ئەھۋالى كۆرۈلدى. ئىلى ئوبلاستى قورغاس ناھىيەسى، غۇلجا ناھىيەسدىكى قىسمەن يېزا ـ كەنتلەردە يىغما قار قېلىن بولغانلىقتىن، ئۆيلەر زىيانغا ئۇچرىدى، بەزىلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشتى، ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيان بىر قەدەر ئېغىر بولدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر