باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز ئېغىر دەرىجىدىكى چىرىكلىشىش دېلولىرىغا ‹‹بىر دېلودا ئىككىنى سۈرۈشتۈرۈش››، يەنى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە ئالاقىدار رەھبەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى يولغا قويىدۇ

2014.02.11 16:53         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاۋ جىيۈننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش چارىسىنى تۈزۈپ، ئېغىر دەرىجىدىكى چىرىكلىشىش دېلولىرى ۋە ئۇزاققىچە ناتوغرا ئىستىل يامرىغان جايلار، تارماقلار ۋە ئورۇنلارغا قارىتا ‹‹بىر دېلودا ئىككىنى سۈرۈشتۈرۈش››، يەنى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە ئالاقىدار رەھبەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى يولغا قويىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز مەركەزنىڭ مۇھىم لايىھەسى ئاساسىدا ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە ئىنتىزامىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىدىكى قوش رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشتىكى كونكرېت پىكرىنى مۇۋاپىق ۋاقىتتا تەشكىللەپ تۈزۈپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، دوكلات بېرىش خىزمىتى، خىزمىتىدىن قەرەللىك مەلۇمات بېرىش ۋە خىزمىتىدىن ئالدىن كېلىشىپ دوكلات بېرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدىكەن؛ چىرىكلىشىش دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتا يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى رەھبەرلىرىنى ئاساس قىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يىپ ئۇچىغا ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىش ۋە دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتا تەڭ دەرىجىلىك پارتكومغا دوكلات قىلىش بىلەن بىللە، يەنە يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا دوكلات قىلىدىكەن؛ ‹‹ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى››نى تۈزۈپ، ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ۋاكالىتەن نازارەت قىلىشى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

  بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز يەنە پارتىيە ئىنتىزامى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە تەشكىلىي ئىنتىزامىنى چىڭىتىپلا قالماي، يەنە مالىيە – ئىقتىساد ئىنتىزامىنىمۇ چىڭىتىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار (پارتگۇرۇپپىسى) ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى، ئاممىغا ئېتىبار بېرىش مەبلىغى قاتارلىقلارنى ئىشلىتىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم ساھە، مۇھىم تۈر ۋە مۇھىم مەبلەغنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىپ نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، خىيانەت قىلىش، مەبلەغنى يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش ۋە تۇتۇپ قېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر سادىر بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىدىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پارتىيە ئىنتىزامى ۋە سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈش ۋە بىر تەرەپ قىلىش، رەھبەرلىك ئورگانلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلاردا يۈز بەرگەن چىرىكلىشىش، ئەمەل سودىسى، شەخسىي غەرەز بىلەن قانۇننى بۇزۇش، چىرىكلىشىپ چۈشكۈنلىشىش، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش دېلولىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، نۇقتىلىق ساھە، مۇھىم ھالقىلار ۋە ئامما ئەتراپىدا يۈز بەرگەن چىرىكلىشىش دېلولىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ھەر يىلى ئۆزى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان تەڭ دەرىجىلىك پارتكوم باشقۇرۇشىدىكى كادىرلارنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىگە چېتىشلىق دېلولىرىنىڭ سانى ۋە سۈپىتىدە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر