باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئارىلاشما مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىك تەرەققىياتىدا زور تەرەققىيات، يېڭىلىق يارىتىشنى كۆزلەش كېرەك

2014.02.11 16:51         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  − ‹‹ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كۈچنى ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇجەسسەملەش›› يۈرۈشلۈك پائالىيىتى توغرىسىدا (2)

  تەرەققىيات بارلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچى. 10 – فېۋرال چاقىرىلغان ‹‹ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كۈچنى ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇجەسسەملەش›› يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ بىرى ئاپتونوم رايوننىڭ ئارىلاشما مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشتىكى يەنە بىر مۇھىم تەدبىرى.

  ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىز ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ھەقىقىي ياخشى قىلىش، ئاپتونوم رايون ئىسقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ئۆتكىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. ئارىلاشما مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش شىنجاڭنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتنى تېزلىتىشىنىڭ مۇھىم پۇرسىتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئارزۇسى، شۇنداقلا ئىسلاھات نەتىجىلىرىدىن يەرلىككە، ھەر مىللەت خەلققە بىۋاستە نەپ يەتكۈزۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.

  ئارىلاشما مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشتا زور تەرەققىياتنى كۆزلەش كېرەك.

  نېفىت، نېفىت خىمىيە كارخانىلىرىنىڭ چوڭ ئەندىزىسى بولۇشى كېرەك. دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئېھتىياجىنى قامداپ، خەلقئارا ۋەزىيەتتە كارخانا ئىستراتېگىيەسىنى ئىگىلەش كېرەك. شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىدىن ئومۇمىيەتنى ئىگىلەپ، ئۆز ئورنىنى توغرا تېپىپ ۋە توغرا بەلگىلەپ، كارخانىنىڭ شىنجاڭدىكى تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك. تۈرلۈك كارخانىلار، بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى يەرلىك كارخانىلار كەڭ قورساق بولۇشى كېرەك. ئېچىۋېتىلگەن روھىي قىياپەت ۋە ئارزۇ – ئىستەك بىلەن بازارنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى – سىرتىدىكى كارخانىلار بىلەن بولغان ئارىلاشما تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك. ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يەرلىك ئەمگەكچىلەرنى كۆپرەك ئىشلىتىپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، بىر تۈركۈم سانائەت ئىشچىلىرى ۋە ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش كېرەك. ئىش ئورنىنى كۆپەيتىش، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى شىنجاڭنىڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى بىرىنچى ۋەزىپە قىلىپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانىنى كۆپەيتىپ، ئارىلاشما مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىكى ‹‹موتور››غا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  ئارىلاشما مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىشنى كۆزلەش كېرەك.

  مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭدا كارخانىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش، يەرلىككە پاي قوشۇشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىك تەركىبلىرىنى ئورتاق راۋاجلاندۇرۇپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئارىلاشما مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشتا تەشەببۇسكار بولۇپ، دۆلەت كاپىتالىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت كاپىتالىنىڭ باشقا ئىقتىسادىي تەركىبلەر بىلەن بولغان يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنىڭ زورىيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، ئىسلاھات ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ چەكلەنمىگەن ساھەلەرگە كىرىشىگە ئىلھام بېرىپ، يۇغۇرۇلما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئارىلاشما مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق مۇھىت يارىتىش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، قاراشنى ئۆزگەرتىپ، ئىدىيە ۋە تۈزۈلمىدىكى توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، مۇلازىمەتنى ئاساس قىلىپ، ئارىلاشما مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا پاك، ئۈنۈملۈك مەمۇرىيەت مۇھىتى، ئادىل، ھەققانىي قانۇن – تۈزۈم مۇھىتى، قېلىپلاشقان، ئىشەنچلىك بازار مۇھىتى، ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىشى كېرەك.

  ئارىلاشما مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش شىنجاڭنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنىڭ مۇھىم پۇرسىتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئارزۇسى، بىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا بىنائەن ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن يەرلىكنى، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ، بىۋاسىتە نەپكە ئىگە قىلايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر