باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە بىرلىككە كەلتۈرەيلى

شىن ۋېيمىن

2014.02.11 16:50         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  − تېخىمۇ زور غەيرەتكە كېلىپ، 2–تۈركۈمدىكى تەربىيە–ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا

  يېرىم يىلدىن كۆپرەك داۋاملاشقان ئاپتونوم رايوننىڭ 1 – تۈركۈمدىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم يارىتىلىپ، پارتىيەلىك كادىرلار چوڭقۇر تەربىيەگە ئىگە بولدى، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىپ، يېڭى كەيپىيات يارىتىلىپ، ئىجتىمائىي كەيپىيات ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاندى. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىرىدە 2 – تۈركۈمدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى، قانداق قىلغاندا كۈچنى تېخىمۇ زور غەيرەتكە كېلىپ سىياسىيدا كۈچلۈك بولۇش، ‹‹تۆت خىل ناچار ئىستىل›› غا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ‹‹كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى››غا مۇجەسسەملەپ، 2 – تۈركۈمدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرغىلى بولىدۇ؟ ئالدى بىلەن مەركەزنىڭ يوليورۇقى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلەپ ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

  ئېھتىياتچان بولغاندىلا، ئاندىن ئۈزلۈكسىز مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ. تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئىككىنچى تۈركۈمدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى بىرىنچى تۈركۈمدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ داۋامى ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇشى بولۇپ، ئىككى تۈركۈمدىكى پائالىيەت ئورگانىك بىر پۈتۈن گەۋدە، ‹‹يۇقىرى، تۆۋەن ئىككى باسقۇچ››، شۇنداقلا ‹‹كۈچ ئۇلاش مۇسابىقىسى››. ئاپتونوم رايوننىڭ 1 – تۈركۈمدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى ئاخىرقى باسقۇچقا قەدەم قويدى، بىراق بۇ پائالىيەتنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، تەكشۈرۈپ بايقالغان مەسىلىلەرنى ‹‹تۈزەتمەسلىك›› كە، تۈزەتكەن مەسىلىلەرنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىگە تېخىمۇ يول قويۇلمايدۇ، كېيىنكى باسقۇچلۇق نۇرغۇن خىزمەتلەرنى داۋاملىق ئەمەلىيەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، يەنە نۇرغۇن ئەمەلىي مەسىلىلەرنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، ئۇزاق مۇددەت تۈزىتىشكە، مۇقىم ۋە ئۇزاق ئۈنۈم يارىتىشقا زور كۈچ سەرپ قىلىپ، تۈزىتىش ئۈنۈمىنى ئەڭ ئاساسىي قاتلاملارغىچە يەتكۈزۈشكە زور كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈشتە، ئاساسلىقى ئەبەدىي ئەمىنلىكنى بىرىنچى ۋەزىپە قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى پائالىيەتنىڭ ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئۆلچىمى قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاساسىي تېمىنى ئۆزگەرتمەسلىك، ئوبيېكتىپنى ئالماشتۇرماسلىقتا چىڭ تۇرۇش، سىياسىيدا كۈچلۈك بولۇش ۋە ‹‹تۆت خىل ناچار ئىستىل››غا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىنى زىچ چۆرىدەپ، فوكۇس ئارىلىقىنى تەڭشەپ، مۇھىم نۇقتىنى توغرا تېپىپ، ئىدىيەدە بوشاشماي، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ۋە ئاممىنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەسىلىنىڭ يۆنىلىشىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، ئوتتۇرىغا قويۇلغاننى دەرھال ئادا قىلىش، دەرھال يولغا قويۇپ دەرھال ئۆزگەرتىش، سەپەرۋەر قىلغاچ تۈزىتىش، ئۆگەنگەچ تۈزىتىش، مەسىلىلەرنى تەكشۈرگەچ بىر تەرەپ قىلىش، تۈزىتىش، سىياسىي تونۇشى كۈچلۈك بولماسلىق مەسىلىلىرى، ھەل قىلىش، ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش مەسىلىلىرى، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئەمەلىي بولماسلىق مەسىلىلىرى، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەر، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش، ئاممىغا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئەمەلىي ئۈنۈم، ئۆزگىرىشلەرنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش، ئاممىنى رازى قىلىش كېرەك. ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، 1 – تۈركۈمدىكى پائالىيەتنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يوچۇقسىز ئۇدۇللاشتۇرۇش، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈش، ياخشى باشلىنىشنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن 1 – تۈركۈمدىكى پائالىيەتتىكى ياخشى تەجرىبىلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، 1 – تۈركۈمدىكى پائالىيەتتە بېكىتىلگەن تۈزىتىش تەدبىرلىرى ۋە تۈزۈم – بەلگىلىمىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەربىيە – ئەمەلىيەتنى ئىككى قولدا چىڭ تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، رەھبىرىي كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئىككى ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، مۇستەھكەملەش ئاساسىدا چىڭ تۇرۇش، چىڭ تۇرۇش ئاساسىدا مۇستەھكەملەش، يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى بىرلىكتە ھەرىكەتلەندۈرۈش، ئالدى – كەينىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش، ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈپ، دائىم تۇتۇش، ئۇزاققىچە تۇتۇش خىزمەت مېخانىزمىنى يەنىمۇ شەكىللەندۈرۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

  ئىدىيە بىلەن ھەرىكەتنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈشتە، ئەستايىدىل بولۇش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، قاتتىق، ئەمەلىي بولۇش تەلىپىنى باشتىن – ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدىكى خىزمەتلەرنى ئۆزئارا ئۈنۈملۈك تۇتاشتۇرۇش كېرەك. يولداش ماۋ زېدۇڭ مۇنداق دېگەن: ‹‹دۇنيادا <ئەستايىدىل> دېگەن سۆز ھەممىدىن قورقۇنچلۇق، كومپارتىيە ئەستايىدىللىققا ئەڭ ئەھمىيەت بېرىدۇ››. ئەستايىدىللىق پارتىيەمىزنىڭ تۈپ خىزمەت پوزىتسىيەسى، شۇنداقلا تېخىمۇ زور غەيرەتكە كېلىپ 2 – تۈركۈملۈك تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ياخشى ئېلىپ بېرىشنىڭ ئېھتىياجى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 1 – تۈركۈمدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ئەستايىدىل بولۇش – بولماسلىق تۈپتىن ئوخشىمايدۇ، مەيلى سىياسىيدا كۈچلۈك بولماسلىق مەسىلىسى، ياكى ‹‹تۆت خىل ناچار ئىستىل››نىڭ ساقايماس جاھىل كېسىلى بولسۇن، ئەستايىدىل، ھەقىقىرەك، ئەمەلىي بولغاندىلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ، چوقۇم ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى، ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

  ‹‹ئەستايىدىل›› لىق يەنە تېخىمۇ زور غەيرەتكە كېلىپ 2 – تۈركۈملۈك تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىپادىلىنىدۇ.

  تېخىمۇ زور غەيرەتكە كېلىپ 2 – تۈركۈملۈك تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى زور، ۋەزىپە مۈشكۈل. بىز مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپى بويىچە، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت ئېڭى، ياخشى روھى ھالىتىمىز بىلەن، 2 – تۈركۈملۈك تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە ياخشى باشلىنىشنى ھاسىل قىلىپ، دەسلەپكى قەدەمنى ياخشى ئېلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ تېخىمۇ زور ئۈنۈمى ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر