باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىستىل ئۆزگەرتىش، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش كېرەك (3)

2014.02.10 15:40         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چىڭ تۇتۇش بارلىق پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشتىكى خىزمەت سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈشى كېرەك. رەھبەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ‹‹مەسئۇلىيەت ئېتىزى››نى ياخشى پەرۋىش قىلىشى كېرەك. چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش تۈزۈلمە – مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ پارتىيە ئىچىدە نازارەت قىلىشتەك مەخسۇس ئورگانلىق رولىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پولاتتەك ئىنتىزام بىلەن ساداقەتمەن، ئىشەنچلىك، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، قەيسەر، ئىنتىزامنى ئادىل ئىجرا قىلىدىغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش كادىرلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.

  سۇڭ ئەيرۇڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ‹‹مەسئۇلىيەت ئورنىنى بېكىتىش خىزمىتىنى ئىگىلەپ، تۈزۈلمە – مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرەيلى›› دېگەن تېمىدا خىزمەت دوكلاتى بەردى.

  يىغىن تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەۋەتكەن 9 – ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ داتۇڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتنىشىپ يېتەكچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ھەر قايسى بۆلۈم، كومىتېتلىرىدىكى ئاساسلىق رەھبەرلەر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى كومىتېت، ئىشخانا، نازارەت، ئىدارە، خەلق تەشكىلاتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، ئاپتونوم رايوندىكى چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىلار، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى. 
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر