باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىستىل ئۆزگەرتىش، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش كېرەك (2)

2014.02.10 15:40         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: سەگەكلىك بىلەن شۇنى كۆرۈشىمىز كېرەككى، چىرىكلىشىش پەيدا بولىدىغان مەنبە يەنىلا مەۋجۇت، چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن ھەم مۇرەككەپ، قىسمەن ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىشىش مەسىلىلىرىنىڭ تەسىرى يامان، بۇنى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بولۇپ، ئامما بۇنىڭغا يەنە كۆپ ئۈمىد باغلىماقتا. پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى ۋە جاپالىقلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، ‹‹دائىم››، ‹‹ئۇزاققىچە›› چىڭ تۇتۇشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشتا دائىم بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىك ۋە ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاڭلىقلىق ۋە قەتئىيلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىش، ئىدىيەۋى تونۇشنى پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ روھى، مەركەزنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى ھۆكۈملىرى ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كادىرلار يىغىنىدا سۆزلەنگەن سۆز ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 6 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھى، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى قەتئىي كۈچەيتىپ، دۇرۇس ھەم پاك – دىيانەتلىك بولۇشتەك ياخشى مۇھىت يارىتىش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىش، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، جازالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشتا ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى قەتئىي چىڭ تۇتۇش، ئىنتىزام ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە ھەقىقىي ئىسمىنى ئاتاپ ئېلان قىلىش، ئاشكارىلاش، چىرىكلىكنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىنىڭ ئالدىنى قەتئىي ئېلىش، ئىستىل قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلگەن نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەش كېرەك. قەتئىي سەۋر قىلماسلىق پوزىتسىيەسى بويىچە چىرىكلەشكەنلەرنى كۈچلۈك جازالاش، ھەر ۋاقىت چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى شەكىلەندۈرۈش، ‹‹يولۋاسنىمۇ››، ‹‹چىۋىننىمۇ›› يوقىتىشتا چىڭ تۇرۇش، چىرىكلەشكەنلەرنى قەتئىي جازالاشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدە ساغلام كەيپىيات يارىتىش، پاك قوشۇن قۇرۇش، خەلقنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەۋىلىك ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى پارتىيەۋىلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىشى، پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى باشتىن – ئاخىر ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇشى، ئۆزىنىڭ ئالدى بىلەن كومپارتىيە ئەزاسى ئىكەنلىكىنى، 1 – ۋەزىپىسىنىڭ پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ تۇتۇشى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتى ھەممىدىن ئەلا دېگەن پىرىنسىپ بويىچە ئۆزىنىڭ ئىش – ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشى، بولۇپمۇ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك ئېڭىنى كۈچەيتىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىنى چىڭىتىش، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار ‹‹تۆتكە بويسۇنۇش››نى ئاڭلىق ئورۇندىشى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، زوراۋانلىققا ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى جىددىي پەيتتە دادىل ھەرىكەتكە كېلەلەيدىغان، دادىل ئىپادە بىلدۈرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. پارتىيەنىڭ تەشكىلىي ئىنتىزامىنى چىڭىتىش، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى قەتئىي ئىجرا قىلىشى، تەشكىلىي ئىنتىزام، تەرتىپ قارىشى ۋە تەشكىلىي جەھەتتە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئىنتىزامىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان ئالاھىدە پارتىيە ئەزالىرىغا يول قويماسلىقى، تەشكىلگە، ئىنتىزامغا بويسۇنماسلىق قىلمىشلىرىنى كەسكىن بىر تەرەپ قىلىشى، ئىنتىزامنى يۇقىرى بېسىملىق توك سىمىغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى، بىڭتۈەن پارتكومى، سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ھەر دەرىجىلىك پارتكوملىرى، ئاپتونوم رايوندىكى تارماقلار ۋە ئورۇنلارنىڭ پارتگۇرۇپپا (پارتكوم)لىرى، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ پارتكوملىرى بىردەك ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ھەرقايسى تەرەپلەر پارتكومنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە ئۆز دائىرىسىدىكى خىزمەتلەرنى جان – دىل بىلەن ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر