باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان يەتتە تىپىك دېلونى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى (2)

2014.02.07 16:25         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۇرپان ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكا رايونىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى (مۇئاۋىن ھاكىم دەرىجىلىك) ئابلەت قېيۇمنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا خەتنە توي ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى. 2013 – يىلى 26 – ئۆكتەبىر ئابلەت قېيۇم تۇرپان شەھىرىدىكى مەلۇم رېستوراندا ئوغلىنىڭ خەتنە تويىنى قىلغان. خەتنە توي شۇ كۈنى سائەت 13 تە باشلىنىپ، سائەت 23 تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئاياغلاشقان، 53 ئۈستەللىك مېھمان كەلگەن. تۇرپان ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئابلەت قېيۇمغا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەردى.

  قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى كېرەم ئىسمائىلنىڭ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ ئېغىر قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىش مەسىلىسى. 2013 – يىلى 3 – سېنتەبىر كېرەم ئىسمائىل ئىدارىسىنىڭ ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ قەشقەر شەھىرىدىكى مەلۇم ئاپتوموبىل تىجارەت ئورنىدا رېمونت قىلدۇرغان. يولدا نومۇر تاختىسى يوق موتوسىكلىت بىلەن سوقۇلۇپ، موتوسىكلىت ھەيدىگۈچىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتەك ئېغىر قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلغان. قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى كېرەم ئىسمائىلغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەردى.

  گۇچۇڭ ناھىيەلىك يېزا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ شىننىڭ ئومۇمنىڭ پۇلىغا ساياھەت قىلىش، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشىغا ئىشلىتىش مەسىلىسى. 2012 – يىلى 5 – ئايدا جاڭ شىن جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ جيۇ جياڭ شەھىرىگە بېرىپ، كەسپىي تەربىيەلىنىشكە قاتناشقاندىن كېيىن، شاڭخەي، شىئەن قاتارلىق جايلاردا ساياھەت قىلغان ھەم ساياھەتكە ئىشلەتكەن 5206 يۈەننى ئىدارىسىگە ئاتچوت قىلدۇرغان. شۇ يىلى 12 – ئايدا ئىدارىنىڭ ئاپتوموبىلىنى ئېرىنى ئالغىلى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتكەن ھەم ئاپتوموبىلنىڭ 790 يۈەن خىراجىتىنى ئىدارىسىدە ئاتچوت قىلدۇرغان. گۇچۇڭ ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى جاڭ شىنغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەردى.

  توقسۇن ناھىيەلىك كۆمۈر سانائىتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ جۈننىڭ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش مەسىلىسى. 2013 – يىلى 6 – سېنتەبىر چۈشتە ۋاڭ جۈن ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشى ئۈچۈن ھەيدەپ سىرتقا چىقىپ، قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ، ئۆزى يارىلانغان، ئاپتوموبىل ئېغىر زەخىملەنگەن. توقسۇن ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋاڭ جۈنگە پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىپ، بارلىق ئىقتىسادىي زىياننى ئۇنىڭغا تۆلەتكۈزدى.

  قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازارلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن فېي، پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بازار باشلىقى ئايگۈل كېرەمنىڭ ئومۇمنىڭ پۇلىغا يەپ – ئىچىش مەسىلىسى. 2013 – يىلى 8 – ئۆكتەبىر ۋە 16 – نويابىر چېن فېي، ئايگۈل كېرەم قاتارلىقلار بازار ۋە كەنتتىكى كادىرلارنى ئىككى قېتىم قەشقەر شەھىرىدىكى مەلۇم رېستوراندا ئومۇمنىڭ پۇلىغا يەپ – ئىچىشكە تەشكىللەپ، 5107 يۈەن خەجلىگەن. كونىشەھەر ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى چېن فېي بىلەن ئايگۈل كېرەمگە پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەردى.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى چىڭىتىپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشى بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان بىر تۈركۈم تىپىك مەسىلىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ قاتتىق بىر تەرەپ قىلدى ھەم تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان تىپىك دېلولارنى دەل ۋاقتىدا ھەقىقىي ئىسمى بىلەن ئاشكارىلاپ، ئاگاھلاندۇرۇش، تەربىيە بېرىش ۋە چۆچۈتۈش رولىنى ئوينىدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەشكىلىي ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ شەخسىي ئىشلىرىدىن يوليورۇق سوراش، دوكلات بېرىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ‹‹پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تېجەشلىك بولۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش نىزامى››، ‹‹پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئومۇمنىڭ پۇلىغا كۈتۈۋېلىش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى››، شۇنىڭدەك مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيەتچىل، تېجەشلىك بىلەن بايرام ئۆتكۈزۈش ۋە ئومۇمنىڭ پۇلىغا يېڭى يىلنى تەبرىكلەش كارتىسى، پوجاڭزا قاتارلىق بايراملىق بۇيۇملارنى سېتىۋېلىپ سوۋغا قىلىشنى قەتئىي مەنئى قىلىش ئۇقتۇرۇشىنىڭ تەلىپىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئون ئۈچنى قەتئىي مەنئى قىلىش›› نى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، بۇيرۇققا قاتتىق ئەمەل قىلىشى كېرەك. ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى باشقۇرۇشتا قاتتىق بولماسلىق قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى دائىملىق باشقۇرۇشنى ۋە شوپۇرلارغا بولغان تەربىيەنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى بايرام مەزگىلىدىكى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىنتىزام مەسىلىلىرىنى يۈز – خاتىر قىلماي بىر تەرەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىدىن بىرسى بايقالسا، بىرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ھەقىقىي ئىسمى بىلەن ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ‹‹تۆت خىل ناچار ئىستىل مەسىلىسى›› نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنىڭ يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، ئومۇمنىڭ پۇلىغا سوۋغا بېرىش، ئومۇمنىڭ پۇلىغا يەپ – ئىچىش، ئومۇمنىڭ پۇلىغا ساياھەت قىلىش، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش، ئالىي سورۇنلارغا كىرىش ۋە چېكىدىن ئاشقان ئىسراپچىلىق قاتارلىق ناتوغرا ئىستىللارنى قەتئىي تۈزىتىشى كېرەك.

  
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر