ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى ، فوتوسى : 20- يانۋار كۇچا ناھىيەسىنىڭ شەرقىي شەھەر كوچا باشقارمىسى « ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ، ئاممىنى زىيارەت قىلىش ، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش » ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، 63مىڭ200يۈەن قىممىتىدە سەككىز دانە ئۈچ چاقلىق«ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش» توكسىكلىتى سېتىۋىلىپ، ئىجتىمائىي رايونلارغا تارقىتىپ بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ۋە بۇ توكسىكلىتلارنى يەتتە ئىجتىمائىي رايوندىكى ئاممىنىڭ كۆكتات، ماي، ئۇن ، گۈرۈچ قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ھەقسىز توشۇپ بېرىشكە تارقىتىپ بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەردى.
سۈرەتتە: 20- يانۋار ئېلىپ بېرىلغان «ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش» توكسىكلىتى تارقىتىش مۇراسىمى .