باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتى تېلېۋىزىيە تېلېفون يىغىنى چاقىرىلدى(1)

2014.01.23 13:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ 2014-يىللىق نىشانى: شەھەر ــ بازارلاردا يېڭىدىن 450 مىڭ ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش

  450 مىڭ ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش خىراجىتىنى تەڭشەش، يۇقىرى ئىقتىدارلىقلارغا ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئورۇن ھازىرلاپ بېرىش، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداش ...22-يانۋار، شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتى تېلېۋىزىيە تېلېفون يىغىنىدا، خەلق تۇرمۇشىغا، ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەنگەن ياخشى خەۋەرلەر ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىن كەلگەن يىغىن ئەھلىنى ھاياجانغا سالدى.

  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاۋۋالقىدەكلا شىنجاڭ ئادەم كۈچى ئىجتىمائىي كاپالەت ئورۇنلىرىنىڭ 2014-يىلدىكى «چوڭ ئىشى». ئاپتونوم رايوننىڭ ئالدىن مۆلچەرلىگەن نىشانى مۇنداق؛ بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايون شەھەر ـ بازارلىرىدا يېڭىدىن 450 مىڭ ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شەھەر ـ بازارلاردىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %4 ئەتراپىدا كونترول قىلىش؛ ئىشقا ئورۇنلىشىش قىيىن بولۇۋاتقانلارنىڭ 40مىڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار بولمىغان ئائىلىلەرنى 24 سائەت ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ يېڭىدىن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى %85تىن ئاشۇرۇش؛ يېزا ئىگىلىك ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى 2 مىليۇن ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈش، تۈرلۈك خادىملاردىن بولۇپ 1 مىليۇن ئادەمنى تەربىيلەش.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر