- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
2013-يىلى شىنجاڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 851 مىليارد يۈەنگە يەتتى
2014.01.23 09:19 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانى
تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى : مۇخبىرنىڭ 21-يانۋار ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە ، 2013-يىلى شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشىدە ئومۇمەن ‹‹مۇقىم بولۇش ، ئىلگىرىلەش ئىچىدە ياخشى تەرەپكە يۈزلىنىش ، ياخشى يۈزلىنىشتىن ئەۋزەللىككە يۈزلىنىش ››تەك ئالاھىدىلىك گەۋدىلەنگەن . دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا ، پۈتۈن يىلدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 851 مىليارد يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 11.1 ئاشقان .
ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن بىر يىلدا ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتى ‹‹مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش ئىچىدە ئۆزگىرىش ياساش ››تىن ئىبارەت خىزمەت مېلودىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ ، ‹‹مۇقىم ئېشىش ، مال باھاسىنى تىزگىنلەش ، قۇرۇلمىلارنى تەڭشەش ، خەلق تۇرمۇشىغا ئېتىبار بېرىش ، ئىسلاھاتنى تۇتۇش ، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ›› قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرگەن . ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىدە يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادى مۇقىم ئېشىشنى ساقلىغان ، 3-كەسىپلەر مۇقىم ئاشقان ، ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسى مۇقىم ئاشقان ، مال باھاسىنىڭ ئېشىش ھەجىمى ‹‹تۆتتە مۇقىم ›› ۋەزىيىتىگە قايتقان ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى پەسىلمۇ پەسىل ئاشقان ، سانائەتنىڭ ئېشىشى ئايمۇ ئاي تېزلەشكەن ، ئەۋزەل بايلىق كەسىپلىرىنىڭ تۈرتكىلىك رولى ئاشقان ، ئۆي-مۈلۈك بازارلىرىنىڭ سودىسى گۈللەنگەن ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئامانەت پۇلى مۇقىم ، تېز ئاشقان .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر