باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 ــ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2 -يىغىنى يېپىلدى(2)

2014.01.22 09:11         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىغىندا، باش بېلەت نازارەتچىسى، بېلەت نازارەتچىلىرىنىڭ ئىسىملىكى ماقۇللاندى. نامسىز ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا سايلاندى؛ ئىككى يولداش دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزالىقىغا تولۇقلاپ سايلاندى.

  يىغىندا، تەرتىپ بويىچە «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى؛ ئاپتونوم رايوننىڭ 2013 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجراسى ھەم 2014 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2013 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجراسى ھەم 2014 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى تەستىقلاش، ئاپتونوم رايوننىڭ 2014 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى تەستىقلاش قارار قىلىندى؛ ئاپتونوم رايوننىڭ 2013 - يىللىق مالىيە خام چوتىنىڭ ئىجراسى ھەم 2014 - يىللىق مالىيە خام چوتى توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2013 - يىللىق مالىيە خام چوتىنىڭ ئىجراسى ھەم 2014 - يىللىق مالىيە خام چوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەستىقلاش، 2014 - يىللىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك خام چوتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى.

  يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى.

  جاڭ چۈنشيەن يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ۋەكىللەر يىغىن مەزگىلىدە تولۇپ - تاشقان سىياسى قىزغىنلىق ۋە ئەستايىدىل پوزىتسىيە بىلەن ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلدى، يىغىندا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەردە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق ساداسى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلدى. بۇ بىر قېتىملىق دېموكراتىك، دوستانە، ئەمەلىيەتچىل، ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلگەن يىغىن بولدى.

  يىغىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشلىرىغا تېخىمۇ جاسارەت بىلەن ئاتلىنىشىنى تېزلىتىدۇ.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق تەكىتلىدى: تارىخىي مەسئۇلىيەت زىممىمىزدە: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈكسەك تارىخىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن «ئىككى يۈز يىل» كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. شىنجاڭدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىپ، ئاۋات، باي، ئىناق، مۇقىم بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

  ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاۋالىسى زىممىمىزدە: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 8 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك، دېيىلگەن. بىز ئۆزگىرىش ياساش ئاساسىدا ئىسلاھ قىلىش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىش، راستچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، شىنجاڭنىڭ تاغ - دەريالىرىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى قىزغىن سۆيۈپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  دەۋرنىڭ ئۈمىدى زىممىمىزدە: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا چوڭ - چوڭ، مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويدى، «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى»نىڭ ئىستىقبالى پارلاق، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى تولۇپ تاشماقتا. بىز مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە ئىتتىپاق، ئىناق، مۇقىم، ھاياتىي كۈچكە تولغان، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر يىغىندا مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ سايلانغاندىن كىيىن، بۇرچۇمنىڭ شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، مەن دۆلەت ۋە خەلققە يۈكسەك مەسئۇلىيەتچان بولۇش روھى بىلەن ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن بۇرچۇمنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىمەن. باشتىن - ئاخىر مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا؛ پۇختا ئىشلەپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشتا؛ ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا پاك - دىيانەتلىك، ئوچۇق - ئاشكارا بولۇشتا؛ خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تاكتىكىسىغا ئاساسەن، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان رايون بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكى ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسىدىكىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇشنى ئاساسىي ۋەزىپە قىلىپ، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك ۋەكىللەرنىڭ خەلق ئاممىسىنى يېتەكلەش ۋە ئالاقە باغلاشتىكى كۆۋرۈكلۈك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، قانۇن، تەرتىپكە رىئايە قىلىش» تا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقتا چىڭ تۇرۇش ئىرادىسىنى مۇستەھكەملەيمىز.

  چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 4تە، جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىنىڭ يېپىلغانلىقىنى جاكارلىدى. يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە ئاياغلاشتى.

  مەمتىمىن ياسىن، چۆجۈپ، چيەن جې، ئەركىن تۇنىياز، شى داگاڭ، جۇ چاڭجيې، جارۇللا ھېسامىدىن، ماغاۋ سىيىتقامزا، تيەن ۋېن، ليۇ يەنلياڭ، رىزۋان ئەبەي، لى شياڭلىن، ماۋكەن سىيىتقامزا، جۈرئەت ئىمىن، ليۇ جىيۇڭ، ليۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۈەن، چېن جىڭشەن، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، خۇاڭ چاڭيۈەن، ۋاڭ ۋېي، سۇڭ جيەنيې، ليۇ شياڭسۇڭ، چېڭ جياجۇ، ياڭ فۇلىن، ئابلىز نىياز، تيەن جيەنرۇڭ، ۋاڭ شىجياڭ، يەن فېنشىن، نەيىم ياسىن، گو ليەنشەن، نىشان ئىبراھىم قاتارلىقلارمۇ رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى. 
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر