باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ بانكىسىغا بۇ يىل ۋىۋىسكا ئېسىلىدۇ

2014.01.20 16:12         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋ تۇڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ‹‹ئىككى يىغىن››دىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ بانكىسى قۇرۇش تەستىقلانغان بولۇپ، ۋىۋىسكا ئېسىش خىزمىتى بۇ يىل تاماملىنىدىكەن.

  ۋەكىل، جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي شۆبە بانكىسىنىڭ باشلىقى جۇ سۇرۇڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ بانكىسى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەمچى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، خەلق تۇرمۇشى، يۆلەش – ئېچىش قاتارلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  2012 – يىلى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 – يىغىنىغا قاتناشقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر ئۆمەك نامىدا ‹‹شىنجاڭ بانكىسى قۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ›› نى سۇنغانىدى.

  شىنجاڭ بانكىسى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يەرلىك قانۇنىي ئىگە بولغان سودا بانكىسى بولۇپ، مۇلازىمەت ئوبيېكتى ۋە بوشلۇق جەھەتتە پەرقلىق تىجارەت قىلىپ، ئەسلىدە بار بولغان بانكا ئاپپاراتلىرى بىلەن ئۆزئارا تولۇقلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدىكى پۇل مۇئامىلە ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر