باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنى يېپىلدى

2014.01.20 14:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنى ھەر تۈرلۈك قارالمىلىرىنى تولۇق تاماملاپ، 19-يانۋار چۈشتىن كېيىن يېپىلدى. يىغىن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇن، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئاستىدا، قىيىنچىلىقنى بويسۇندۇرىدىغان تەۋرەنمەس ئىرادە تىكلەپ، ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ ئۇيۇشتۇرۇپ، ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاۋات، باي، ئىناق، مۇقىم بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا چاقىردى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر