باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئىتتىپاق كومىتېتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆيىگە قايتىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى

2014.01.14 14:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-يانۋار، شىنجاڭ ئىتتىپاق كومىتېتى ۋە جەمئىيەتتىكى قەلبداش كارخانىلار بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن «مەكتەپ ھويلىسىغا ساپ ئېنېرگىيە يەتكۈزۈپ، بالىلارنىڭ ئۆيگە قايتىش يولىنى ئىللىتايلى» بەيشىكېلى مەكتەپ ھويلىسىغا مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش پاراۋانلىق پائالىيىتى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جەنۇبىي مەكتەپ رايونىدا باشلاندى. بۇ پائالىيەتتە مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش تۈرى بويىچە جەمئىي 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇقراق پۇل يىغىلغان بولۇپ، 2013-يىلى شىنجاڭدىكى 10 ئالىي مەكتەپكە شىنجاڭنىڭ ھەر جايلىرىدىن كەلگەن، مەكتەپ ئىجتىمائىي ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئىپادىسى ياخشى بولغان قىيىنچىلىقى بار 350 نەپەر ئوقۇغۇچىغا پويىز بېلىتى شۇنداقلا «ئۆيگە قايتىش سوۋغىسى» سوۋغا قىلىش مەقسەت قىلىنغان. ئىگىلىنىشىچە، ئوقۇغۇچىلار قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلگەندىن كىيىن، تەشكىللىگۈچى تەرەپ «قەلبداش ئاپتوبوسى»تەشكىللەپ، ئوقۇغۇچىلارنى پويىز ئىستانسىغا ھەقسىز ئاپىرىپ قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆيىگە قايتىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر