باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قورغاس دۆلىتىمىزنى غەربكە ئېچىۋېتىشتە يول ئېچىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى(2)

2014.01.13 15:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەمكارلىق مەركىزى جۇڭگو ـ قازاقىستان چېگرىسىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، ئومۇمىي كۆلىمى 5.28 كىۋادرات كىلومېتىر، يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇلىدۇ. دۆلەت ھەمكارلىق مەركىزىگە ئىمپورت ـ ئېكسپورتتا باج كېمەيتىپ ئېلىش ياكى كەچۈرۈم قىلىش سىياسەتلىرىنى بەردى، شۇنداقلا ساياھەتچىلەر ھەمكارلىق مەركىزىدىن جۇڭگوغا كىرسە، 8000 يۈەن خەلق پۇلى قىممىتىدىكى مالنى باج تاپشۇرماي ئېلىپ كىرىشكە بولىدىغانلىقى بەلگىلىدى، بۇ يەرلىكنىڭ تاشقى سودىسى ۋە ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

  دۆلىتىمىز ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ جەنۇبىغا يەنە جۇڭگو تەرەپنىڭ كەسىپ بازىسى قۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئىمپورت ـ ئېكسپورتتا باج قايتۇرۇش ۋە باجدىن خالىي رايون سىياسىتى بەردى. جۇڭگو ـ قازاقىستان قورغاس يىۋۇ خەلقئارا بازىرىنىڭ باش مۇدىرى جىن شىڭجۇڭ مۇنداق دېدى: كەسىپ بازىسى قۇرۇلۇشى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ قورغاسقا ماكانلىشىشىغا ياردەم بېرىدۇ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆستۈرىدۇ، تاشقى سودىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  2013 ـ يىلى، جۇڭگو خەلق بانكىسى قورغاس ئالاھىدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدا دۆلىتىمىز بويىچە تۇنجى تاموژنا سىرتىدىكى خەلق پۇلى كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىشنى سىناق قىلىپ، ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ قىرغاق سىرتى خەلق پۇلى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويدى.

  قورغاس ئالاھىدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ جۈن مۇنداق دېدى: قىرغاق سىرتى خەلق پۇلى كەسپى سىنىقى دۆلىتىمىزدە پۇل مۇئامىلە كەسپىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىدۇ، ھەمكارلىق مەركىزىدە قىرغاق سىرتى خەلق پۇلى كەسپىنىڭ يولغا قويۇلۇشى خەلق پۇلىنىڭ تاشقى سودىدا راسچوت قىلىنىش كۆلىمىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق، خەلق پۇلىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ھەتتا خەلقئارا بازاردا باھا ھېسابلاش، سودىلىشىش، ئەركىن ئايرىباشلاش ھەمدە خەلقئارا زاپاس پۇل بولۇش فۇنكسىيەسىنى بەرپا قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ، قىرغاق سىرتى خەلق پۇلى كەسپى دۆلەتنىڭ شىنجاڭدا خەلق پۇلىنى خەلقئارالاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ سىنىقى، ئۇ خەلق پۇلىنى خەلقئارالاشتۇرۇشتىكى يېڭى يول.

  قىرغاق سىرتى خەلق پۇلى كەسپىدىن قورغاسلا نەپكە ئېرىشىپ قالماي، ئۇ شىنجاڭ بىلەن خەلقئارا پۇل مۇئامىلە بازىرى ئارىسىدىكى خەلق پۇلى كاپىتال ئوبوروتى ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرى راۋانلاشتۇرۇلدى، دۆلىتىمىزدىكى كارخانىلارنىڭ تۆۋەن تەننەرخ بىلەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە ياردەم بەردى، كارخانىلارنىڭ سىرتقا چىقىشىنى قوللىدى، خەلقئارا بازارنى كېڭەيتتى، شىنجاڭنى ئېچىۋېتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتتى. ئۇ يەنە شىنجاڭنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىش، پۇل مۇئامىلە كەسپىنى سىرتقا ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، شىنجاڭدا خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇش ۋە جۇڭگو ـ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى پۇللىرىنى ئايرىباشلاش مەركىزى قۇرۇشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

  قورغاس ئالاھىدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ ھەممە يېرىدە ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. قوش يۆنىلىشلىك، ئالتە لىنىيەلىك كەڭ يوللار، يول بويىدىكى مېھمانخانا، ئاشخانىلار، ھەمكارلىق مەركىزىدىكى ئېگىز بىنالار، يولدا كېتىۋاتقان چەت ئەللىك سودىگەرلەر... بۇ ئۆزگىرىشلەرنى كۆرگەن ھەرقانداق ئادەم بۇ يەرنىڭ ئون يىل بۇرۇنقى بىرلا يولى بار، ئەتراپى سايلىق قىياپىتىنى ئويلاپ يېتەلمەيدۇ.

  قورغاس ئالاھىدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى بۇنىڭدىن كېيىن ئەۋزەل كەسىپلەرنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، پۇل مۇئامىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يېتەكچى، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى، يىغىن ـ كۆرگەزمە ئىگىلىكىنى تايانچ قىلىپ، سودا، ساياھەت، ئۈسكۈنە ياساش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشنى بىر گەۋدە قىلغان تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلىدۇ.

  قورغاس ئالاھىدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى تاشقى سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا كۈنىگە 12 سائەت تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، جۇڭگو ـ قازاقىستاننىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتتى، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش خىزمىتىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلدى.

  ھازىر ھەمكارلىق مەركىزىدە يىۋۇ خەلقئارا بازىرى، «چىڭخۇا» سودا مەركىزى، «سەنيى» ئېغىر سانائىتى قورغاس ماشىنىسازلىق بازىسى قاتارلىق نۇقتىلىق تۈرلەر ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ھەمكارلىق مەركىزى بۇنىڭدىن كېيىن ھازىرقى سىياسەتلەردىن ياخشى پايدىلىنىش ئاساسىدا، باش ئىشتاب ئىگىلىكى ئۈستىدە ئىزدىنىپ ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كارخانا باش ئىشتابلىرىنى قورغاستا ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىدۇ، ئىستېمال تۈرتكىلىك قىلىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا باش ئىشتابنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

  ھەمكارلىق مەركىزىدىكى «سۇشىن» يىغىن ـ كۆرگەزمە مەركىزى 2013 ـ يىلى 19 ـ ئۆكتەبىر ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان جۇڭگو ـ قازاقىستان قورغاس چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى يېڭى كەسپىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى، شىنجاڭ «بويا» رەڭلىك مېتال بازىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ يىغىن ـ كۆرگەزمە كەسپىنى ئۈزلۈكسىز جانلاندۇردى.

  ياڭ جۈن مۇنداق دېدى: قورغاسنىڭ سودىغا تۈرتكىلىك قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى توپلاش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز زورىيىدۇ، قورغاس ئالاھىدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى «يىپەك يولى» ئىقتىساد بەلبېغىدىكى ئادەم، تاۋار، مەبلەغ توپلانغان ئۇنىۋېرسال سودا مەركىزى بولۇپ قالىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر