خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-يانۋار چۈشتىن كىيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق تەنھەرىكەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى شې چۇن، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جىن چۈەنشېڭ، قارىماي شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى جۇ خېشياڭ، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى مۇسابىقە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى شياۋ شىنگو شۇنداقلا ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى يىغىنغا قاتناشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك تەنتەربىيە يىغىنىدا ئۆسمۈرلەر گۇرۇپپىسى، چوڭلار گۇرۇپپىسى، كەسپىداشلار گۇرۇپپىسى قاتارلىق گۇرۇپپىلار بويىچە 30 چوڭ تۈر، 814 كىچىك تۈر تەسسىس قىلىنغان. مۇز تېيىلىش تۈرىدە 25-يانۋار ئالدى بىلەن يىپەك يولى مۇز تېيىلىش مەيدانىدا مۇسابىقە باشلىنىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى