باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا 2013–يىلى يۈز بەرگەن ئون چوڭ مېتېئورولوگىيە ئاپىتى ئېلان قىلىندى

2014.01.10 15:25         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خالىدە ئوبۇل خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى 3 – يانۋار چۈشتىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2013 – يىللىق ھاۋارايى ئومۇمىي ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى.

  ئۇقۇشىمچە، بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن سەل يۇقىرى بولغان. شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھۆل – يېغىن مىقدارى بىر قەدەر كۆپ، تەڭرىتاغ تاغلىق رايونلىرىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ۋە شەرقىي شىنجاڭدا ھۆل – يېغىن مىقدارى بىر قەدەر ئاز بولغان، ئاپتونوم رايونىمىزدا مۆلدۈر، بوران – چاپقۇن، كەلكۈن، چاڭ – توزان، قارا قۇيۇن قاتارلىق مېتېئورولوگىيە ھادىسىلىرى كۆرۈلگەن. ئاپتونوم رايونىمىزدا 2013 – يىلى يۈز بەرگەن ئون چوڭ مېتېئورولوگىيە ھادىسىسى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

  1. ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇنجى قېتىم قارا قۇيۇن ئاپىتى يۈز بەردى

  5 – ئىيۇن چۈشتىن كېيىن، تەڭرىتاغنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ سارقوبۇ يېزىسىدا قارا قۇيۇن كۆرۈلۈپ، ئۆي، قوتان، توك سىملىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، كۆپ ئادەم يارىلانغان، چارۋىلار ئۆلگەن، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇنجى قېتىم قارا قۇيۇن ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىشى ئىكەن.

  2. كۆپ قېتىم كۈچلۈك مۆلدۈر ئاپىتى يۈز بېرىپ، زىيان ئېغىر بولدى

  2013 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا كۆپ قېتىم كۈچلۈك مۆلدۈر ئاپىتى يۈز بەرگەن. ھەر قېتىملىق مۆلدۈر ئاپىتىدە 100 مىليون يۈەن ئەتراپىدا ئىقتىسادىي زىيان كېلىپ چىققان. بۇنىڭ ئىچىدە 18 – ئىيۇن مەكىت ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن مۆلدۈر ئاپىتى بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ، ئەڭ چوڭ مۆلدۈر دانچىسىنىڭ دىيامېتىرى ئالتە سانتىمېتىرغا يەتكەن. 14 – ماي ئارال شەھىرىدە مۆلدۈر 17 مىنۇت ياغقان. 4 – ئىيۇل ئارىشاڭ ناھىيەسىدە مۆلدۈر يېغىپ، 20 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ زور ئىقتىسادىي زىيان كېلىپ چىققان. بۇ بىر يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سەككىز ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە 51 ناھىيەدە مۆلدۈر يېغىپ، 2 مىليون 600 مىڭ مو يەردىكى زىرائەت زىيانغا ئۇچرىغان.

  3. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدا ئۇدا قارا يامغۇر ياغدى

  5 – ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ غەربىي قىسمىدا كۆپ قېتىم ئۇدا قارا يامغۇر ياغقان. بۇنىڭ ئىچىدە 27 – مايدىن 28 – مايغىچە، قاغىلىق ناھىيەسىدە ھۆل – يېغىن مىقدارى 89.6 مىللىمېتىرغا يېتىپ، شۇ يەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى يىللىق ھۆل – يېغىن مىقدارى (66.7 مىللىمېتىر)دىن ئېشىپ كەتكەن. 17 –، 18 – ئىيۇن كۈنلىرى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسىدە ھۆل – يېغىن مىقدارى 85.8 مىللىمېتىرغا يېتىپ، ئەڭ يۇقىرى يىللىق ھۆل – يېغىن مىقدارى(83.9 مىللىمېتىر)دىن ئېشىپ كەتكەن. ھۆل – يېغىننىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇشى تۈپەيلىدىن كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ، يېزا ئىگىلىك، باغ – ئورمانچىلىق، سۇ ئىشلىرى ۋە قاتناش ئەسلىھەلىرى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان، ئادەملەر يارىلانغان.

  4. 16 – ئاپرېل كۈچلۈك قۇم – بوران قەشقەر بىلەن خوتەنگە ‹‹ھۇجۇم›› قىلدى

  16 – ئاپرېلدىن 17 – ئاپرېلغىچە، بەش – ئالتە بال غەربىي شىمال شامىلىنىڭ تەسىرىدە، ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پەيزاۋات، يەكەن قاتارلىق يەتتە ناھىيەسى بىلەن خوتەننىڭ چىرا، نىيە قاتارلىق ئالتە ناھىيەسىدە كۈچلۈك قۇم – بوران ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئېغىر ئىقتىسادىي زىيان بولغان.

  5. شىمالىي شىنجاڭدا ئۇدا قارا يامغۇر ياغدى

  بۇلتۇر يازدا شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئۇدا قارا يامغۇر يېغىپ، يىللىق ھۆل – يېغىن مىقدارى 111.9 مىللىمېتىرغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %50 ئاشقان، بۇنىڭ بىلەن سۇ بايلىقى مىقدارى كۆپىيىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولغان.

  6. ساۋەندە قارا يامغۇر يېغىپ كەلكۈن كېلىپ، تالاپەت كۆرۈلدى

  23 – ئىيۇلدىن 26 – ئىيۇلغىچە ساۋەن ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىدا ئۇدا قارا يامغۇر ياغقان، بۇ ناھىيەنىڭ بورتۇڭگۈ يېزىسىدا ئۈچ كۈنلۈك ھۆل – يېغىن مىقدارى 79.2 مىللىمېتىرغا، 24سائەتلىك ھۆل – يېغىن مىقدارى 58.1 مىللىمېتىرغا يېتىپ، 25 – ئىيۇل كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن، نۇرغۇن كىشى يارىلانغان، زىرائەت ۋە چارۋىلار ئاپەتكە ئۇچرىغان، قىسمەن سۇ ئەسلىھەلىرى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان.

  7. يازدا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدا ئۇدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى

  7 – ئاينىڭ ئاخىرى، 8 – ئاينىڭ باشلىرىدا خوتەن، قەشقەر، قىزىلسۇدا ئۇدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلگەن. يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئۇدا بىرنەچچە كۈن 35 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، 29 – ئىيۇندىن 31 – ئىيۇنغىچە ئاقتۇ، قاغىلىق ناھىيەسىدە تېمپېراتۇرا ئايرىم – ئايرىم 39.6 سېلسىيە گىرادۇس ۋە 38.6 سېلسىيە گىرادۇسقا، چىرا، لوپ، خوتەن ناھىيەلىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئايرىم – ئايرىم 42.1، 41.9، 41.4 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن.

  8. قىشتا قۇمۇلدا تېمپېراتۇرا ئۇدا تۆۋەنلەپ، مېۋىلىك دەرەخلەرگە ئۈششۈك تەگدى

  1 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى قۇمۇل شەھىرىدە ئۇدا تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ئۇدا 16 كۈن نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولغان، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 25.7 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈپ، نۇرغۇن چىلان كۆچىتىگە ئۈششۈك تەگكەن.

  9. باش باھاردا تېمپېراتۇرا پەۋقۇلئاددە يۇقىرىلاپ، تارىخىي رېكورت يارىتىلدى

  ئاپتونوم رايونىمىزدا 3 – ئايدا تېمپېراتۇرا پەۋقۇلئاددە يۇقىرى بولغان، شىمالىي شىنجاڭ، تەڭرىتاغ ئەتراپى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدا ئايلىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا يىللاردىكىدىن ئايرىم – ئايرىم 5.5، 5.0، 3.9 سېلسىيە گىرادۇس يۇقىرى بولۇپ، تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن. تارباغاتاي، تۇرپان، سانجى قاتارلىق جايلاردىمۇ ئايلىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىنىڭ يۇقىرى بولۇش نسىبىتى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن.

  10. باش قىشتا شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، ھاۋا سۈپىتى تەسىرگە ئۇچرىدى

  11 – ، 12 – ئايدا شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلگەن، شىمالىي شىنجاڭنى بويلىغان تەڭرىتاغ ئەتراپىدا تۇمانلىق ھاۋارايى ئون كۈندىن 25 كۈنگىچە داۋاملاشقان. ئۈرۈمچىدە تۇمانلىق ھاۋارايى 14 كۈن داۋاملىشىپ، ئاۋىياتسىيە، تاشيول قاتنىشىغا نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن، ھاۋا سۈپىتى تۆۋەنلەپ، ئاممىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكەن.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر