باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2013-يىلى شىنجاڭدا 1828 ئادەم قاتناش ھادىسىسى سەۋەبىدىن قازا قىلدى

2014.01.10 15:24         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تاراتقۇلارنى 2013-يىللىق قاتناش ھادىسىسىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلىش يىغىنىدىن بىر كۆرۈنۈش

  شەخسىي ئاپتوموبىللارنىڭ ۋەقە تۇغدۇرۇش نىسبىتى %54 بولدى

  ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە تەرتىپنى باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىنىڭ باشلىقى ياڭ خۈەنيۇ ئەھۋالدىن مەلۇمات بەرمەكتە

  ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى 8-يانۋار تاراتقۇلارنى 2013-يىللىق قاتناش ھادىسىسىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلدى . 2013-يىلى ، پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە 4923 قېتىم قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن بولۇپ ، 1828 ئادەم قازا قىلىپ ، 5632 ئادەم يارىلانغان ، بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان 13 مىليون 160 مىڭ يۈەندىن ئاشقان ، بۇلتۇر ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا ، قاتناش ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى %0.67 ئازايغان ، قازا قىلغانلارنىڭ سانى %5.38 ئاز بولغان ، يارىلانغانلارنىڭ سانى %2.59 كۆپەيگەن ، بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان %5.69 كۆپەيگەن .

  ئۇنىڭ ئىچىدە ، بىر قېتىمدا ئۈچتىن كۆپ ئادەم قازا قىلغان قاتناش ھادىسىسى 41 قېتىم يۈز بېرىپ ، 185 ئادەم قازا قىلغان ؛ بىر قېتىمدا بەشتىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان قاتناش ھادىسىسى 14 قېتىم يۈز بېرىپ ، 90 ئادەم قازا قىلغان ؛ بىر قېتىمدا 10 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان قاتناش ھادىسىسىدىن بىرى يۈز بېرىپ ، 15 ئادەم قازا قىلغان .

  ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى ھادىسلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە تەرتىپنى باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىنىڭ باشلىقى ياڭ خۈەنيوۋنىڭ ئېيتىشىچە ، شەخسىي ئاپتوموبىل ۋە يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ ۋەقە سادىر قىلىش نىسبىتى بىر قەدەر ئېغىر بولغان . ئاپتوموبىلنىڭ ئىشلىتىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا ، شەخسىي ئاپتوموبىل ۋە يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ۋەقە تۇغدۇرۇش نىسبىتى يۇقىرى بولغان . 2013-يىلى ، شەخسىي ئاپتوموبىلدا 2962 قېتىم قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ ، 492 ئادەم قازا قىلغان . 2013-يىلى ، سۈرئەتنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ھەيدەش سەۋەبىدىن 264 ئادەم قازا قىلغان ، قائىدە بويىچە يول يۈرمەسلىك سەۋەبىدىن 321 ئادەم قازا قىلغان .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر