باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي پاختا مەھسۇلات مىقدارى 20 يىلدىن بۇيان مەملىكەت بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى

2014.01.10 10:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  7-ۋە 8-ياۋنۋار ئۆكتۈزۈلگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ يېزا خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىنىشچە، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي پاختا مەھسۇلات مىقدارى 20 يىلدىن بۇيان مەملىكەت بويىچە 1-ئورۇندا تۇرغان. ئىگلىنىشچە، ھازىر شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي پاختا مەھسۇلات مىقدارى مەملىكەت بويىچە پاختا ئومۇمىي مەھسۇلاتىنىڭ يېرىمىنى ئىگەيلەيدىكەن، پاختىدىن قىلغان كىرىم شىنجاڭدىكى دېھقانلار كىرىمىنىڭ %35 ئەتراپىدا بولغان، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاساسلىق پاختا ئىشلەپ چىقىرىش ناھىيەلىرىدە %50تىن %70كىچە بولغان. 2013-يىلى، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي پاختا تېرىش كۆلۈمى 25 مىليون 380 مىڭ موغا يېتىپ، 2012-يىلدىكىدىن 680 مىڭ مو كېڭەيگەن. ئومۇمىي پاختا مەھسۇلات مىقدارى 3 مىليون 400 مىڭ توننىغا يېتىپ، 2012-يىلدىكىدىن 20 مىڭ توننا ئاشقان.

  بۇ يىل شىنجاڭ پاختىنىڭ نىشانلىق باھاسىنى ئىسلاھ قىلىش سىنىقىنى يولغا قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاشلىق ۋە پاختا تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، 10 مىليون مو بۇغداي، 10 مىليون مو كۆممۈقوناق ۋە 10 مىليون مولۇق كېۋەزلىكدىن ئىبارەت ئۈچ يۇقىرى مەھسۇلاتلىق ئىتىزلىق بەرپا قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر