- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
كۆچمە كۈتۈپخانا يېزا-بازارلىق شىپاخانىلارغا كىردى
2014.01.07 17:20 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ئىختىيارى مۇخبىرىمىز گۈلنار تاشتۆمۈر خەۋەر قىلىدۇ: مەدەنىيەتنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا ئاۋات ناھىيەلىك كۈتۈپخانا ھەر قايسى يېزا-بازارلىق شىپاخانىلاردا كۆچمە كۈتۈپخانا نۇقتىسى تەسىس قىلدى، بۇ يەرگە تىزىلغان كىتابلار تىبابەت، ساقلىقنى ساقلاش، سەھىيە بىلملىرى ۋە تۈرلۈك پارتىيە گېزىت- ژۇرناللىرى قاتارلىقلار بولۇپ، ھازىر پۈتۈن ناھىيە تەۋەسىدە جەمئىي 17 كۆچمە كۈتۈپخانا نۇقتىسى تەسىس قىلىنىپ، مەنپەئەتلەنگەن ئامما 4000 دىن ئاشتى. (ئاۋات ناھىيىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن گۈلنار تاشتۆمۈر خەۋىرى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر