باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆلكىلەر ئارا قاتنايدىغان ئاپتوبۇسلارغا يېڭى بەلگە تاختىسى ئىشلىتىلىدۇ

2014.01.07 15:42         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆلكىلەر ئارا قاتنايدىغان ئاپتوبۇسلارغا 16 – يانۋاردىن باشلاپ يېڭى بەلگە تاختىسى ئىشلىتىلىدۇ، ئەسلىدىكى ئۆلكىلەر ئارا قاتنايدىغان ئاپتوبۇسلارنىڭ بەلگە تاختىسى 15 – يانۋار ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئىدارىسى 2013 – يىلى 9 – ئايدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۆلكە ھالقىپ قاتنايدىغان ئاپتوبۇس لىنىيەسى ۋە ئاپتوبۇسلارنى تەكشۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك تەرتىپكە سالغان، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سانجى ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، ئۈرۈمچى شەھىرى، قۇمۇل شەھىرى، غۇلجا شەھىرى، كورلا شەھىرى، ئاقسۇ شەھىرى قاتارلىق سەككىز ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىن گەنسۇ، نىڭشيا، چىڭخەي، شەندۇڭ، خېنەن، ئەنخۇي، شەنشى، خۇنەن، جېجياڭ، سىچۈەن، چوڭچىڭ قاتارلىق 11 ئۆلكە (شەھەر) گە ئۆلكە ھالقىپ قاتنايدىغان 43 لىنىيەگە چېتىلىدىكەن. ھازىر تەرتىپكە سېلىش ۋە قايتا ئىجازەت بېرىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىپ، ئۆلكە ھالقىپ قاتنايدىغان ئاپتوبۇسنىڭ 41 لىنىيەسى قايتا ئىجازەتلىك تىجارەت قىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن، 13 يولۇچى تىرانسپورت كارخانىسىنىڭ 131 ئاپتوبۇسى تىجارەت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق تىرانسپورت باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلاردىكى تىرانسپورت باشقۇرۇش تارماقلىرى ئۆلكە ئارا قاتنايدىغان ئاپتوبۇس لىنىيەسى شوپۇرلىرى ۋە ئاپتوبۇسلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھۆددە ئاپتوبۇسلارنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك، ئۆلچەملىك يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى؛ يولۇچى تىرانسپورت كارخانىلىرى ئاپتوبۇسلارنىڭ دىنامىكىلىق كۆزىتىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ياخشى ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى ھەم بىخەتەر يۈرۈشكە تەسىر يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى ۋاقتىدا تۈزىتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر