باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى مۇكاپاتلاش يىغىنى ئاچتى

2014.01.07 15:42         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ چۈنشيەن ئالىي مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە مۇكاپات تارقاتتى ھەم سۆز قىلدى

  فېڭ جىن، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايوننىڭ پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى مۇكاپاتلاش يىغىنى 6 – يانۋار چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرىگە مۇكاپات تارقاتتى ھەم سۆز قىلدى.

  شىنجاڭ ‹‹قارا قۇرۇم مېھمانخانىسى›› زالى قىزغىن كەيپىياتقا تولغانىدى. جاڭ چۈنشيەن 2013 – يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق پەن – تېخنىكا تەرەققىيات مۇكاپاتىنىڭ ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن جيا شاۋگۇاڭ، دۇڭ ليەنخۇي، 2012 – يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق پەن – تېخنىكا تەرەققىيات مۇكاپاتىنىڭ گەۋدىلىك تۆھپە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ليۇ مىڭتىڭ، جاڭ يۇلىن، لى جېنۇڭ، ۋۇ شىنيۇەن، تاشپولات تىيىپقا گۇۋاھنامە تارقىتىپ بەردى ھەم ئۇلار بىلەن قىزغىن كۆرۈشۈپ تەبرىكلىدى. ئارقىدىن جاڭ چۈنشيەن قاتارلىق رەھبەرلەر ئاپتونوم رايونلۇق پەن – تېخنىكا تەرەققىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ ۋەكىللىرىگە گۇۋاھنامە تارقىتىپ بەردى.

  276 تۈردىكى پەن – تېخنىكا نەتىجىسى 2012 –، 2013 – يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق پەن – تېخنىكا تەرەققىيات مۇكاپاتىنىڭ 1 –، 2 –، 3 – دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

  جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن تەقدىرلەنگەن ئىلغار ئورۇن ۋە شەخسلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ پەن – تېخنىكا تەرەققىياتى ئەڭ تېز، نەتىجىلىرى ئەڭ كۆپ، ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: پەن – تېخنىكا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ئەڭ جانلىق، ئەڭ ئىنقىلابىي ئامىل، ئۇ ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ھەل قىلغۇچ كۈچ. شىنجاڭ يېڭى پۇرسەت ۋە خىرىس ئالدىدا پەن – تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا بۇرۇنقى ھەر قانداق ۋاقىتقا قارىغاندا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە، ياخشى سىياسىي مۇھىت يارىتىشقا، پەن – تېخنىكىدا ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك، ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، زور تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولىدىغان، ئۆز – ئۆزىنى كۈچەيتىدىغان يېڭى يولدا مېڭىشى كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پەن – تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى چۈشەپ قويىدىغان بارلىق ئىدىيە ۋە تۈزۈلمە، مېخانىزم جەھەتتىكى توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك. يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىشچان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، پەن – تېخنىكا بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹بەشلەشتۈرۈش›› قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشىمىز؛ كارخانىنىڭ سۇبيېكىتلىق ئورنىنى كۈچەيتىپ، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈپ، بازاردا يېتەكچىلىك ھوقۇقىغا، پەن – تېخنىكىدا ئۈستۈنلۈككە ئىگە بىر تۈركۈم باشلامچى كارخانىلارنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ، رايوننىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈشىمىز؛ بازارنىڭ يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، پەن – تېخنىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز؛ ئىختىساسلىقلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىدىيەسىنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىقلار قوشۇنى بەرپا قىلىپ، خەلقئارادا ئالدىنقى سەپتە، دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان بىر تۈركۈم يۇقىرى دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسلەرنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشىمىز؛ پەن – تېخنىكا ئالاقىسى، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى مۇھىم تەسىر كۈچكە ئىگە پەن – تېخنىكا مەركىزى ۋە كەسىپ ھەمكارلىق بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، غەربكە ئېچىۋېتىلگەن خەلقئارا پەن – تېخنىكا ھەمكارلىق يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاكتىپ كۈچلەرنى توپلاپ، يېڭىلىق يارىتىشتىكى بارلىق بايلىقلارنى تولۇق قېزىپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان كۈچلۈك ھەمكارلىق كۈچى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىپ، يېڭىلىق يارىتىشچان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشى كېرەك.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقى يىغىنغا قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نۇرلان ئابىلمەجىن، خەن يۇڭ، بەي جىجيې، تېلىۋالدى ئابدۇرېشىت، تيەن ۋېن يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن تەقدىرلەش قارارىنى ئوقۇدى، ليۇ مىڭتىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.

  تەقدىرلەش يىغىنى تېلېۋىزىيە تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر