باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تيەنجىن شەھىرىدىكى شىنجاڭلىق سودىگەرلەر جەمئىيىتى ئوقۇشقا ياردەم بېرىش خەير–ساخاۋەت جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

2014.01.07 15:40         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چېن فېڭ خەۋەر قىلىدۇ: تيەنجىن شەھەرلىك 95 – ئوتتۇرا مەكتەپ بۇلتۇر 28 – دېكابىر چۈشتىن كېيىن، داغدۇغىلىق خەير – ساخاۋەت جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، تيەنجىن شەھىرىدىكى شىنجاڭلىق سودىگەرلەر جەمئىيىتى، تيەنجىن شەھەرلىك خەير – ساخاۋەت باش ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ئورۇنلار تيەنجىن شەھىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا 500 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلىپ، ئۇلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى.

  تيەنجىندىكى 400دىن ئارتۇق شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچى شۇنداقلا ھەر ساھەدىكى مېھىر – شەپقەت يەتكۈزگۈچىلەردىن بولۇپ 800دىن ئارتۇق كىشى پائالىيەتكە قاتناشتى.

  بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە 500 مىڭ يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى توپلاندى ھەم ئوقۇشقا ياردەم بېرىش خەير – ساخاۋەت خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، مائارىپ فوند تەشكىلاتى تەسىس قىلىندى. تيەنجىن شەھىرىدىكى ‹‹جىنچياۋ›› كەپشەرلەش ئۈسكۈنىلىرى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتى تيەنجىندىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر بىرىگە 1000 يۈەن ياردەم بەردى. پۇل ئىئانە قىلىش مۇراسىمىدا، 25 ‹‹مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى ئىلغار ئوقۇتقۇچى›› بىلەن 60 ‹‹ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشقا ئىرادە تىكلىگەن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى›› مۇكاپاتلاندى، ئۇلارغا شەرەپ گۇۋاھنامىسى، مۇكاپات بۇيۇمى ۋە ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىلدى. شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى ئوقۇتقۇچىلارغا شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مېۋە – چىۋىلىرىنى سوۋغا قىلدى، داڭلىق رەسسام دۇ مىڭسېن ئون مەكتەپكە ئون يۈرۈش رەسىملەر توپلىمىنى ھەدىيە قىلدى، يەنە بىر قىسىم ئىللىقلىق يەتكۈزگۈچىلەر نەق مەيداندا پۇل ئىئانە قىلدى.

  ئۇقۇشىمچە، تيەنجىن شەھىرى 2000 – يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش ۋە باشقۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئۈستىگە ئالغان ھەم 2013 – يىلىغا قەدەر ئون مەكتەپكە 3000غا يېقىن شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر