باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتىنىڭ ئاشكارا ۋەدىسى

2014.01.07 15:35         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتى ‹‹ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي، پاك خىزمەت قىلىش››ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، سىياسىيدا مۇستەھكەم بولۇش ۋە ‹‹تۆت خىل ناچار ئىستىل››نىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەركەزلىك گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، جەمئىيەتكە تۆۋەندىكىدەك ئاشكارا ۋەدە بەردى:

  بىرىنچى، سىياسىي ئىنتىزامغا قاتتىق بويسۇنۇپ، سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرىمىز. پارتىيە ئىنتىزامى، تەشكىلىي ئىنتىزام ۋە خىزمەت ئىنتىزامىغا قاتتىق بويسۇنۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە بىردەكلىكنى ساقلايمىز. مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدايمىز. دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، چوڭ – چوڭ مەسىلىلەرنى قارار قىلىش، كادىرلارنى تەيىنلەش – قالدۇرۇش، چوڭ تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، كۆپ سوممىلىق مەبلەغنى ئىشلىتىش قاتارلىقلاردا كوللېكتىپ قارار، تۈزۈم چىقىرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ‹‹بىرىنچى قول›› ئىپادە بىلدۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئىلمىي، دېموكراتىك، قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەيمىز.

  ئىككىنچى، تۈرلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز. چارۋىچىلىققا ئائىت نۇقتىلىق تۈرلەر ۋە چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرگە مەسئۇل خادىم ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۈرلەرنى داۋاملىق ئىز قوغلاپ باشقۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى نازارەت قىلىش سالمىقىنى زورايتىمىز. ‹‹تۆت بىر›› مۇقىم ئالاقىلىشىش تۈزۈمى يەنى: چوڭ تىپتىكى بىر چارۋىچىلىق باشلامچى كارخانىسى، دۆلەت ئىلكىدىكى بىر چارۋىچىلىق مەيدانى، بىر يېڭىچە چارۋىچىلىق ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتى ۋە مەخسۇس باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر كەنت بىلەن مۇقىم ئالاقىلىشىش تۈزۈمىنى ئورنىتىمىز. بۇ يىل ئىچىدە ياردەم بېرىدىغان كەنتتە ئاممىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئۈچ تۈرنى ئورۇندايمىز. ئۇل ئەسلىھەلەر، كەسىپلەر تەرەققىياتى، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ماسلىشىپ ياخشى ئىشلەيمىز.

  ئۈچىنچى، مەمۇرىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، نازارەتنى قاتتىق باشقۇرىمىز. خىزمەت ئۈنۈم قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىپ، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، سۆرەلمىلىك قىلىش، قالايمىقان ئىش كۆرۈش قىلمىشلىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، چەكلەنگەن ئىشلارنى قەتئىي قىلماي، ئىجرا قىلىش كۈچى بىلەن ئىناۋىتىمىزنى ئۆستۈرىمىز. تېلېفون ئارقىلىق مەسلىھەت سورىغانلارغا ۋاقتىدا جاۋاب بېرىمىز، ئەرزىيەتلەرگە قارىتا بېجىرىشكە تېگىشلىكلىرىنى ۋاقتىدا بېجىرىمىز، جاۋاب قايتۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىگە ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرىمىز. ھوقۇق دائىرىسىدە بولمىغان ئىشلارنى ئەرز قىلغۇچىلارغا سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ، ۋاقتىدا كۆرسەتمە بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئالاقىلىشىشىغا ياردەملىشىپ، بىر قېتىمدىلا ئېنىق ئۇقتۇرىمىز. ئاممىنىڭ ئەرز – شىكايەتلىرىنى جەزمەن تەكشۈرۈپ ھەم سۈرۈشتۈرۈپ، يەتتە خىزمەت كۈنىدە نەتىجىسىنى ئۇقتۇرىمىز.

  تۆتىنچى، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شەكىلۋازلىققا قارشى تۇرىمىز. ماھىيەتلىك مەزمۇنى بولمىغان يىغىنلارنى ئاچمايمىز، يىغىنلارنى قىسقا، مېغىزلىق ئاچىمىز. ئىلگىرىكى ئىككى، ئۈچ كۈن ئېچىلىدىغان يىغىنلارنى بىر كۈنگە قىسقارتىمىز، يېرىم كۈن ئېچىلىدىغان يىغىنلارنى ئىككى سائەت ئىچىدە كونترول قىلىمىز؛ ئاپتونوم رايون خاراكتېرلىك يىغىنلارنى ئىلاج بار ۋىدىئو يىغىنىغا ئۆزگەرتىمىز؛ رېئال ئەھمىيىتى بولمىغان پائالىيەتلەرگە قاتناشمايمىز، ماھىيەتلىك ئەھمىيىتى بولمىغان ھۆججەتلەرنى تارقاتمايمىز، ئەھمىيىتى بولمىغان تەكشۈرۈش، باھالاش، تەقدىرلەش ۋە تەربىيەلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزمەيمىز. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز. زۆرۈرىيىتى يوق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قىسقارتىپ، تەكشۈرۈلىدىغان جايلارغا ئالدىن تېما ۋە تېزىس ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ پىكىر – تەلەپلىرىنى ئالىمىز.

  بەشىنچى، پاك – دىيانەتلىك بولۇپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلايمىز. پاك، تەلەپچان بولىمىز، قىزىل بولاق، سوۋغات، سودا سارايلارنىڭ مال سېتىۋېلىش كارتىسى، ئەزالىق كارتىسى ۋە قىممەت باھالىق بۇيۇملارنى قوبۇل قىلمايمىز. ئۆلچەمدىن ئارتۇق ئاپتوموبىل سىتېۋالمايمىز، ئىشخانىلارنى ئېسىل بېزىمەيمىز، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ مېھمان كۈتمەيمىز، ھۆكۈمەت پۇلىغا مېھمان بولمايمىز. تۈرگە خېرىدار چاقىرىشقا ئارىلاشمايمىز. رەھبىرىي كادىرلار ئىشخانا ئىشلىتىش، تۇرالغۇ، ئاپتوموبىل سەپلەش، كاتىپ ئورۇنلاشتۇرۇش، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كۈتۈۋېلىش، پاراۋانلىق، دەم ئېلىش، چەت ئەلگە چىقىش، ئاساسىي قاتلامدا تەكشۈرۈشتە بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىمىز. رەھبەرلەر ئولتۇرغان ئاپتوموبىللارغا ساقچى ئاپتوموبىلى يول باشلاش ياكى ئالاھىدە نومۇر تاختىسى ئورنىتىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىدا ئىشقا بېرىش – كېلىشنى چەكلەيمىز. دەم ئېلىش، بايرام كۈنلىرىدە ئىدارىلەرنىڭ ئاپتوموبىللىرىنى بىردەك پېچەتلەيمىز.

  كادىرلار، ئاممىنىڭ ۋە جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ يۇقىرىقى ۋەدىمىزنى نازارەت قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.

  نازارەت قىلىش، پاش قىلىش تېلېفونى: 8568604 –

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر