باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ يىللىق مۇكاپات پۇلى بىكار قىلىنىشى مۇمكىن

2014.01.07 14:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمەت تورىدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ «ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ــ ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، مالىيە نازارىتىنىڭ ئاپتونوم رايوندىكى باشقا كەسپىي ئورۇنلارنىڭ نەتىجە ـ ئۈنۈم مائاشىنى يولغا قويۇش يېتەكچى پىكىر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى تارقىتىش ئۇقتۇرۇشى» ئېلان قىلىندى. (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدى)

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق دېيىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، مالىيە نازارىتى بەلگىلىگەن «ئاپتونوم رايوندىكى باشقا كەسپىي ئورۇنلارنىڭ نەتىجە ــ ئۈنۈم مائاشىنى يولغا قويۇشتىكى يېتەكچى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلدى)گە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى قوشۇلدى، ئەستايىدىل ئىجرا قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ.

  «پىكىر»دە باشقا كەسپىي ئورۇنلار نەتىجە ـ ئۈنۈم مائاشىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، يىل ئاخىرىدىكى بىر قېتىملىق مۇكاپات پۇلىنى بىكار قىلىدۇ؛ باشقا كەسپىي ئورۇنلار دۆلەت بەلگىلىمىسى بويىچە ئەسلىدىكى مائاش قۇرۇلمىسىدىكى نەپىقە پۇلى نىسبىتىنىڭ %30تىنى چىقىرىپ، ئىدارىنىڭ نەتىجە ــ ئۈنۈم مائاشىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىغا كىرگۈزۈپ، شۇ ئورۇننىڭ نەتىجە ــ ئۈنۈم مائاش تەقسىماتى چارىسى بويىچە ئىجرا قىلىدۇ، ئايرىم مۇكاپات پۇلى تارقىتىلمايدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر