باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

« ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىكىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلمىي قىممىتى» تېمىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى (2)

2014.01.06 09:47         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي تېبابەت دورىگەرلىك ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى، «شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى» ئىلمىي ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، ئالىي مۇھەررىر ئەركىن قاسىم يىغىندا سۆز قىلماقتا.

  يىغىندا، شىنجاڭ ساداقەت بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ لېدىرى ئەلىجان ئىسمايىل يىغىن ئويۇشتۇرۇشتىكى مەقسەت ۋە يىغىننىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، ساداقەت شىركىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات نىشانلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

  ئاندىن جۇڭگو مىللىي تېبابەت، دورىگەرلىك ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ ياشانغانلار ساغلاملىقى جەمئىيتىنىڭ باشلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي تېبابەت، دورىگەرلىك ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئارىپ مەمەتنىياز، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي تېبابەت، دورىگەرلىك ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى، «شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى» ئىلمىي ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، ئالىي مۇھەررىر ئەركىن قاسىم، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «بۈگۈنكى سۆھبەت پروگراممىسىنىڭ تەكلىپلىك مۇلاھىزىچىسى، ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى ئابلىمىت كېرەم، جۇڭگو ئادۋوكاتلار بىرلەشمىسىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، تونۇلغان كارخانا تەتقىقاتچىسى مىجىت لېتىپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پېشقەدەم پىروفېسسورى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دوكتور يېتەكچىسى ئابدۇكېرىم راخمان قاتارلىق مۇتەخەسسلەر لېكسىيە سۆزلىدى.

  بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ يەنە بىر يارقىن نۇقتىسى شۇ بولدىكى، شىنجاڭ ساداقەت بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئۇيغۇر تېبابەت، دورىگەرلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تۆھپىسى زور بولغان، ئۇيغۇر تېبابىتىنى ئىچكىرى ئۆلكە، ھەتتا چەت ئەللەرگە تونۇشتۇرۇشتا كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن يېتەكچى ئۇستاز، جۇڭگو مىللىي تېبابەت، دورىگەرلىك ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ ياشانغانلار ساغلاملىقى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي تېبابەت دورىگەرلىك ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئارىپ مەتنىيازغا تون كىيگۈزدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر