باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىن 18 مىڭ ئوقۇغۇچى ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا قاتناشتى

2014.01.06 09:44         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان مەيدانىدا

  2014-يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا بىر تۇتاش ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى 4-يانۋار باشلاندى. شىنجاڭدىن 18 مىڭ ئوقۇغۇچى ئىمتىھانغا قاتناشتى.

  بۇ يىل، شىنجاڭدا 11 ئىمتىھان رايونى، 17 ئىمتىھان نۇقتىسى، 584 ئىمتىھان مەيدانى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۈرۈمچىدىن ئىمتىھانغا قاتناشقانلارنىڭ سانى 3848 گە يېتىپ، 62 ياشلىق كىشىمۇ ئىمتىھانغا قاتناشقان.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدا ‹‹يېشى 40 تىن ئاشمىغان بولۇش›› تەلىپى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىن ئىمتىھانغا تىزىملاتقانلارنىڭ سانى 1 مىليون 800 مىڭغا يېتىپ، ئەڭ كۆپ بولۇش رېكورتى يارىتىلغان. شىنجاڭدىن جەمئىي 18 مىڭ 225 ئوقۇغۇچى ئىمتىھانغا تىزىملاتقان بولۇپ، بۇلتۇردىن 190 ئوقۇغۇچى ئاز تىزىملاتقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر