- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرى راۋانلاشتۇرۇلدى (1)
2014.01.02 16:22 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ قەرز ئېلىشىنىڭ تەس بولۇشى مەملىكەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال، شۇنداقلا بازار ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى قىيىن نۇقتا بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، بىر قەدەر تېز تەرەققىي قىلىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا پائال ئىزدىنىپ، يۆلەش سىياسىتى ئېلان قىلىش، كېپىللىك سىستېمىسى بەرپا قىلىش، مالىيەدىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىنچىلىقىنى تىرىشىپ ھەل قىلدى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىمۇ بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈستىدە پائال ئىزدەندى.
مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك نەچچە ھۆججەتنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىمۇ مۇلازىمەت ئېڭىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا پەرقلىق سىياسەت يولغا قويدى، مەخسۇس تىجارەت ئاپپاراتى تەسىس قىلىپ، «پەرقلىق مۇئامىلە قىلىش، كاپالەتكە ئىگە قىلىش، قاتتىق تىزگىنلەش» پىرىنسىپى بويىچە، دۆلەتنىڭ كەسىپ سىياسىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا قەرز بېرىش سالمىقىنى ئاشۇردى.
جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تاۋ جۈنداۋ مۇنداق دېدى: ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا كىچىك كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان كەسپىي پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتتىن 113 ى قۇرۇلدى، %90 تىن ئارتۇق بانكا كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا قەرز بېرىش پىلانىنى ئايرىم تۈزدى. بۇ يىل ماينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا بېرىلگەن قەرزنىڭ قالدۇقى 279 مىليارد 570 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرنىڭ شۇ مەزگىلىدىكىدىن %18.5 ئېشىپ، قەرز قالدۇقى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %30 ىنى ئىگىلىدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى يەنە ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ قەرزگە جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇش، قەرز ئېلىش رىتىمى تېز بولۇش، ئالىدىغان قەرز سوممىسى ئاز بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرىگە ماسلىشىپ، ئۇلارنىڭ ۋېكسېل، دىسكونت، كىرېدىت گۇۋاھنامىسى بىلەن مۈلۈك ـ قەرز جەدۋىلى سىرتىدا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى قوللىدى. بۇ يىل ماينىڭ ئاخىرىغىچە، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى مۈلۈك-قەرز جەدۋىلى سىرتىدا تەمىنلىگەن مەبلىغىنىڭ قالدۇقى 43 مىليارد 780 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرنىڭ شۇ مەزگىلىدىكىدىن %16 ئاشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر