باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئاچتى (2)

2013.12.31 14:22         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقى يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى
  تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى : ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 30-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئاپتونوم رايوننىڭ ئوبلاستلىق ، شەھەرلىك خەلق قۇرولتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋە ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ ، پارتىيەنىڭ 18-نەۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى . ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقى يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى .

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ، خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتى ، ئالتاي ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتى ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ، ۋۇجيالياڭ شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىندا پىكىر بايان قىلدى .
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر