باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىككى تارىخىي ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، قابىللارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش كېرەك

جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونلۇق تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشتى

2013.12.30 15:32         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋ تۇڭ خەۋىرى: ئاپتونوم رايوننىڭ تەشكىلات خىزمىتى يىغىنى 27 – دېكابىر ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىندا: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ياخشى كادىرلار ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىككى تارىخىي ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، قابىللارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە خەلق موھتاج بولۇۋاتقان ياخشى كادىرلارنى تەربىيەلەش، ئۆستۈرۈش توغرىسىدا چوڭقۇر چۈشەنچە بېرىپ، تەشكىلات خىزمىتىدە پارتىيەنى پارتىيە باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش فاڭجېنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتىنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، تىرىشچان، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش، پاك – دىيانەتلىك بولۇش›› يېڭى مەزگىلدە ياخشى كادىرلارنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ تۈپ ئۆلچىمى. بىز ئەستايىدىل ئۆزلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن قابىللارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش توغرىسىدا مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى:

  بىرىنچى، كادىرلارنى تاللاشتا سىياسىي مەيدانى مۇستەھكەم بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. سىياسىي ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلغانلارنى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشتە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ جان تىكىپ ئېلىشقانلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ئىككىنچى، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا دادىل مەسئۇل بولىدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەر كەسىپ، ھەر ساھەدىكى جان كۆيدۈرۈپ، ئۈن – تىنسىز ھەقىقىي جاپالىق ئىشلەۋاتقان كادىرلارنى، دۇرۇس، ھەقىقىي ئىشلەيدىغان، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان، تەرەققىياتنى كۆزلەيدىغان كادىرلارنى، شارائىتى جاپالىق جايلاردا ئىزچىل ئەستايىدىل ئىشلىگەن، نەتىجە ياراتقان كادىرلارنى، جاپادىن قورقماي يول ئېچىپ ئىلگىرىلەيدىغان، قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشقا ماھىر، ۋەزىيەتنى ئوڭشىيالايدىغان كادىرلارنى، شۇنداقلا ھالقىلىق ۋە خەتەرلىك پەيتلەردە، ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە كۆكرەك كېرىپ ئالدىغان چىقالىغان، ھەق – ناھەق مەسىلىلىرى، سەزگۈر مەسىلىلەردە مەيدانى مۇستەھكەم، بايرىقى روشەن كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ئۈچىنچى، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلارنى تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار قۇشۇنىنى داۋاملىق زورايتىپ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار قوشۇنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا، بازار قاتارلىق ئاساسىي قاتلاملارنىڭ كادىرلار مەنبەسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش كېرەك.

  تۆتىنچى، ئاساسىي قاتلامدىكى 1 – سەپكە يۈزلىنىپ كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ياش كادىرلارنى ئاساسىي قاتلامدىكى بىرىنچى سەپكە، جاپالىق رايونلارغا بېرىپ، مۇرەككەپ مۇھىتتا چېنىقىپ ئۆسۈپ يېتىلىشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلامدىكى 1 – سەپتە كۆزگە كۆرۈنگەن كادىرلارنى ھەر دەرىجىلىك ئورگانلارغا خىزمەت قىلىشقا يۆتكەش، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىغان تايانچ كادىرلارنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

  بەشىنچى، ياش كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش، تاللاپ ئۆستۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئەمەلىي چېنىقىشنى ياش كادىرلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى زۆرۈر دەرسلىك قىلىپ، مەسىلىلەرگە توغرا قارىيالايدىغان، ئۇنىۋېرسال ساپاسى ياخشى، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى بار ياش كادىرلارنى تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ 1 – سېپى، ئاساسىي قاتلام ۋە جاپالىق ئىش ئورۇنلىرىغا قويۇپ، مۇرەككەپ مۇھىتتا چېنىقتۇرۇپ، پەرقلەندۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تاللاپ، كۆپ سىناقلاردىن ئۆتكۈزۈش كېرەك.

  ئالتىنچى، ياخشى ئەمەلدارلىق پەزىلىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ‹‹ئەمەل تۇتسا پەخىرلەنمەسلىك، ئەمەلدىن ئايرىلسا نومۇس قىلماسلىق، ئەمەلدىن قالايمىقان پايدىلانماسلىق، جايلار ئەمەلدارغا تايىنىش؛ پۇقرالاردەك كىيىنىش، پۇقرالاردەك ئوزۇقلىنىش، پۇقرالارنى بوزەك قىلماسلىق، ئۆزىنىمۇ پۇقرا بىلىش››تەك ئەمەلدارلىق ئەخلاقىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارغا بولغان ئەخلاق تەربىيەسى ۋە تەكشۈرۈپ باھالاشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە تەشكىلات تارماقلىرى ئاساسنى چىڭىتىپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك. كەنت ۋە مەھەللىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كارخانا، مەكتەپ، ئورگان، ئىجتىمائىي تەشكىلات قاتارلىق ھەر ساھەنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش؛ يېزا – بازارلىق پارتكوم شۇجىلىرى ۋە كەنت (مەھەللە) پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىلىرىنى مەركەز قىلغان ئاساسىي قاتلام رەھبەرلىك بەنزىسىنى ياخشى تاللاپ، قابىللارنى سەپلەش؛ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتى ۋە رەھبەرلىك يادروسىلىق ئورنىنى كۈچەيتىش؛ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ كادىرلار قوشۇنىنى تېز تولۇقلاپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، غەم – ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، مۇنەۋۋەر ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامدا خاتىرجەم يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كادىرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرۇلاشتۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك. پارتىيە كادىرلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات تەدبىرىنى ياخشىلاپ، تۈزۈلمە، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر ساھەدىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى بىر يەرگە جەم قىلىش كېرەك. كادىرلار، ئىختىساسلىقلار شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. كادىرلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيە قاتتىق باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات تارماقلىرى ۋە تەشكىلات خىزمىتى كادىرلىرىدىن كۈچلۈك خەۋپ ئېڭى، ئومۇمىيەت ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى تىكلەش؛ ئىككى تارىخىي ۋەزىپىنى چۆرىدەپ ياخشى كادىرلارنى تاللاش؛ دىققەت – نەزەرىنى تېخىمۇ گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىشقا قارىتىپ، ھەر مىللەت خەلقنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرەلەيدىغان ياخشى كادىرلارنى تاللاش؛ ئىشلارنى ياخشى قىلىشنى چۆرىدەپ ياخشى كادىرلارنى تاللاشنى تەلەپ قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خەن يۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن شەۋكەت ئىمىن، سۇڭ ئەيرۇڭ، بەي جېجيې، شيۇڭ شۈەنگو، لى شۆجۈن، سۇڭ خاۋ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ما شۆجۈن مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇردى.

  جاڭ چۈنشيەن 26 – دېكابىر چۈشتىن كېيىن ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ پارتكوم شۇجىلىرى، تەشكىلات بۆلۈم باشلىقلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. 23 يولداش مەركەزنىڭ كادىرلارنى ياخشى تاللاش، ياخشى ئىشلىتىش تەلىپىنى چۆرىدەپ، ‹‹ئۈچ خىل كىشىلەرنى زىيان تارتقۇزماسلىق››تەك ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا كەڭ – كۇشادە سۆز قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر