باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مىننەتدارلىق ھېسسىياتىمىز بىلەن تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە يۇرتىمىزغا جاۋاب قايتۇرىمىز (2)

2013.12.26 16:28         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىز گەرچە كانادادا ئوقۇۋاتقان بولساقمۇ ۋەتىنىمىز ۋە يۇرتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرۇۋاتىمىز. بۇ مۇكاپاتنىڭ تەسىس قىلىنىشى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى شۇنداقلا ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹مائارىپ ئارقىلىق ئاپتونوم رايوننى يۈكسەلدۈرۈش، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى قۇرۇش››تا قوللانغان كونكرېت تەدبىرى. ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئېشىۋاتقانلىقىنى، يۇرتىمىزنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ چەكسىز خۇشال بولدۇق ۋە پەخىرلەندۇق.

  ‹‹ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش مۇكاپاتى››نى تەسىس قىلىشتا، چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ يۇرتىدا خىزمەت قىلىشقا ياكى تۈرلۈك ئۇسۇلدا ۋەتەن، ئانا يۇرتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش مەقسەت قىلىنغان. ئۆز خىراجىتى بىلەن كانادادا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋەتەن ۋە خەلقنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ھەرگىز يەردە قويماي، چەت ئەلنىڭ ئىلغار پەن – تېخنىكا، مەدەنىيەت ۋە باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، كەسپىي بىلىملەرنى پۇختا، چوڭقۇر ئىگىلەپ، ۋەتەنىمىزنىڭ گۈللەپ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن ياشلىق باھارىمىزنى ۋە ئەقىل – پاراسىتىمىزنى بېغىشلايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چەت ئەلدە ئوقۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى ئوبرازىنى ساقلاپ، جۇڭگو بىلەن كانادانىڭ دوستلۇقى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.ۋەتەن بىزنىڭ مەڭگۈلۈك كۈچ مەنبەيىمىز

  ئالىمجان ئابلىز ئۈرۈمچىدىن، كانادا مانىتوبا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېلېكتىرون قۇرۇلۇش كەسپى تولۇق كۇرس سىنىپىنىڭ 4 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى

  2013 – يىللىق ‹‹ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەللەردە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش مۇكاپاتى››غا ئېرىشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلدىم، بۇ شەرەپكە ئۇدا ئىككى يىل نائىل بولغانلىقىمدىن چەكسىز ئىپتخارلاندىم ھەم خۇشال بولدۇم.

  ئالدى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مۇكاپاتنى تەسىس قىلغانلىقىغا تەشەككۈر ئېيتىمەن، بۇ، ماڭا نىسبەتەن زور مەدەت!

  مەن ئىلگىرى دۆلەت 2 – دەرىجىلىك تەنھەرىكەتچى ھەم شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېڭى ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى ئىدىم، مەملىكەت ئىچى ياكى چەت ئەل مەكتەپلىرى تەسىس قىلغان ھەر خىل ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكەن بولساممۇ، بىراق ۋەتىنىمىز بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى تەسىس قىلغان ‹‹ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەللەردە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش مۇكاپاتى›› تاكى بۈگۈنگە قەدەر مەن ئېرىشكەن ئەڭ زور شەرەپ. بۇ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋەتىنىمىز ۋە يۇرتىمىزنىڭ ھەرقاچان ھەر زامان بىزگە غەمخورلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. ۋەتىنىمىز بىزنى يېتىم قويمىدى. ۋەتەن بىزنىڭ مەڭگۈلۈك كۈچ مەنبەيىمىز ۋە كۈچلۈك ئارقا تىرىكىمىز!

  بۇ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكەنلىكىم مېنىڭ تۆت يىلدىن بۇيان، كانادادا ئوقۇش مەزگىلىدە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىم ۋە ئۆگىنىش نەتىجەمنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك. ئەلۋەتتە، قولغا كەلتۈرگەن بۇ نەتىجىلىرىم بىلەن قانائەتلىنىپ قالماي ئاسان قولغا كەلمىگەن بۇ پۇرسەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، كەسپىي بىلىملەرنى پۇختا ئىگىلەپ، كەسىپ ساپايىمنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، كەلگۈسىدە ۋەتەنگە تېخىمۇ ياخشى جاۋاب قايتۇرىمەن، ۋەتەننىڭ ۋە يۇرتۇمنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن، بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشىمەن.

  باشقىلارغا جۇڭگونىڭ ساداسىنى يەتكۈزىمەن

  سۇڭ گې موڭغۇل، قارامايدىن، ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلغاندا كانادا كارلېتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپى تولۇق كۇرس سىنىپىنىڭ 4 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئىدى. ھازىر كانادانىڭ كالگارى شەھىرىدە ئىشلەۋاتىدۇ

  كانادانىڭ ئوتتاۋا شەھىرىدە بەش يىل ئالىي مەكتەپتە ئوقۇدۇم، ھازىر مەكتەپ پۈتكۈزۈپ، كالگارىدا ئىشلەۋاتىمەن. ئالدى بىلەن ۋەتەن ۋە يۇرتۇم، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ كانادادىكى ئەلچىخانىسى مائارىپ باشقارمىسىدىكىلەرنىڭ بىزگە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. سىلەر بىزنىڭ چەت ئەللەردە ئوقۇشنى ئوڭۇشلۇق تاماملاشتىكى كۈچلۈك ئارقا تىرىكىمىز ۋە كۈچ – قۇۋۋەت مەنبەيىمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بۈگۈن ماڭا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بەردى، بۇنىڭدىن تولىمۇ ئىلھاملاندىم. چەت ئەلدە ئوقۇش جەريانىدا مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىمنى يېتىلدۈرگەن بولساممۇ، يۇرتۇم بىلەن ۋەتىنىم يەنىلا مېنىڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكىم.

  كىچىكىمدىن تارتىپلا دادام ماڭا: ئادەم دېگەن مىننەتدار بولۇش كېرەك، دەپ تەربىيە قىلاتتى. قۇدرەتلىك ۋەتەن بولمايدىكەن، بىزنىڭ بارلىقىمىز بولمايدۇ، بۇ، مېنىڭ ھەقىقىي تەسىراتىم. ھازىر ئېلىمىز جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشتەك ئۇلۇغ مۇساپىنى باشلىدى. مەن يېڭى خىزمەت ئورنۇمدا يۇرتۇمدىن، ۋەتىنىمدىن ئىپتىخارلىنىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن، تۆھپە قوشىمەن!دۆلەتنىڭ قوللىغانلىقىنى ئۇنتۇمايمەن

  گۈلنۇر تۇرغۇن ئاقسۇدىن، ھازىر پارىژ 8 – ئۇنىۋېرسىتېتى كارخانا باشقۇرۇش كەسپىنىڭ تولۇق كۇرسىدا ئوقۇۋاتىدۇ

  بۇ يىللىق ‹‹ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش مۇكاپاتى››غا ئېرىشكەنلىكىم ماڭا زور مەدەت بولدى. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان مۇشۇ مىنۇتلارنى بىرلىكتە تەبرىكلىگەنلىكىمدىن بەكمۇ خۇشالمەن.

  بۇ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىزگە ئوخشاش چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن زور شەرەپ بولۇپ، بىزنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان چەت ئەلدە ئوقۇپ ھەم خىزمەت قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمىزنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك. بۇنىڭدىن ۋەتىنىمىزنىڭ بىزگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقى ۋە زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدۇق. بۇنىڭدىن كېيىن بىز مەملىكەت ئىچى – سىرتىدىكى ھەر خىل بايلىقلاردىن پايدىلىنىپ، ۋەتىنىمىز ۋە يۇرتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمىز.

  مۇشۇ پۇرسەتتە، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىشىمگە بەرگەن ياردىمى ۋە مەدىتىگە كۆپتىن – كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن، مېنىڭ ئىلگىرىلىشىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جاپالىق ئەجرىنىڭ نەتىجىسى. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ كۆپىيىشى ئۈچۈن بۇ مۇكاپاتنى تەسىس قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ مۇكاپات بىزنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى يۈكىمىزنى زور دەرىجىدە يېنىكلەتتى، بۇنىڭ بىلەن بىز ئوقۇشقا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ئاجرىتالايدىغان بولدۇق، ئەمدى بىز بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن ئوقۇپ زېھنىمىز ۋە قىممەتلىك ۋاقتىمىزنى خوراتمايدىغان بولدۇق.

  ئاخىرىدا يۇرتىمىزدىن كەلگەن رەھبەرلەر ۋە كونسۇلخانا خادىملىرىنىڭ بىزگە قىلغان غەمخورلۇقى ۋە ياردىمى ئۈچۈن سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن! ساۋاقداشلارنىڭ ئوقۇشىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن. بىز چوقۇم دۆلەتنىڭ بىزنى كۈچلۈك قوللاۋاتقانلىقىنى، ئاتا – ئانىمىزنىڭ يېقىندىن ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز، ۋەتەندىن مىننەتدار بولۇپ، ئۆگەنگەن بىلىمىمىزگە تايىنىپ، ۋەتەن ۋە شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  ئۆگەنگەن بىلىمىم ئارقىلىق يۇرتۇمغا جاۋاب قايتۇرىمەن

  دىلنۇر قۇربان قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش شەھىرىدىن. ھازىر كانادا بۈيۈك سىمون فراسېر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىستاتىستىكا ئىلمى بويىچە ماگىستىرلىقتا ئوقۇۋاتىدۇ

  مەن تولۇق كۇرسنى غەربىي جەنۇبىي مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەن، كېيىن دوكتورلۇقتا ئوقۇشنى ئويلىشىۋاتىمەن. ‹‹ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش مۇكاپاتى››غا ئېرىشكەن 153 ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى شۇنىڭدەك كانادادىكى ئۇشبۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن يەتتە ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى بولغانلىقىمنى چەكسىز شەرەپ دەپ بىلىمەن ۋە پەخىرلىنىمەن.

  مەن ئالدى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇنداق ياخشى ئوقۇش مۇكاپاتى تەسىس قىلىپ، چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. بۇنىڭدىن مەن ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىز ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا قىلغان غەمخورلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.

  2003 – يىلى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەندىن باشلاپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىز ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا قىلغان غەمخورلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغانىدىم. ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا تۆت يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتقا ئۆتتۈم ھەم ياخشى تەربىيە ئېلىپ ئاساسىمنى ياخشىلىدىم. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىز ئىستۇدېنتلارنىڭ ئوقۇش ۋە تۇرمۇشىغا ئەتراپلىق كۆڭۈل بۆلدى. مەن دۆلەت دەرىجىلىك ئوقۇش ياردەم پۇلى ۋە ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا كۆپ قېتىم ئېرىشتىم. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى ۋە مەدەت بېرىشى ھەم ئۆزۈمنىڭ تىرىشىشى نەتىجىسىدە، 2011 – يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن، سىمون فراسېر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىستاتىستىكا كەسپىگە قوبۇل قىلىندىم.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى تەسىس قىلغان ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ تولىمۇ ھاياجانلاندىم. بۇ مۇكاپات مېنىڭ تىرىشىپ ياخشى ئوقۇغانلىقىمنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك ۋە ئېتىراپ قىلغانلىق بولۇپ، ماڭا زور مەدەت بولدى، بۇنىڭدىن ۋەتەننىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ۋە چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىققان ئوقۇغۇچىلارنىڭ زىممىمىزدىكى يۈكنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدىم. ماڭا شۇنىسى ئايانكى، چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىقىش پۇرسىتى ھەممە كىشىگە كېلىۋەرمەيدۇ، يۇرتۇمدىكى خەلق مېنىڭ چەت ئەلنىڭ ئىلغار تېخنىكا ۋە بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، تەرەققىيات ۋە قۇرۇلۇشقا ئاتلىنىشىمغا تەقەززا بولۇۋاتىدۇ، سۆيۈملۈك ۋەتىنىم، خاتىرجەم بولۇڭ! بىز قايتىپ بارغاندىن كېيىن، ئۆزىمىزنىڭ ئۆگەنگەن بىلىمىمىز بىلەن سىزگە جاۋاب قايتۇرىمىز، تەرەققىياتىڭىز ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز!
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر