خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2013-يىلى قىش كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ بايىنغولىن ئوبلاستى بۈگۈر ناھىيەسى، لوپنۇر ناھىيەسى، قارا شەھەر ناھىيەسىدە ئۇدا بۇلۇتلۇق ھاۋا رايى كۆرۈلدى. لوپنۇرلۇقلار كەنتىدە خىزمەت قىلىدىغان جياڭ ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2013-يىلى كۆرۈلگەن قويۇق تۇمان ۋە تۇمان ئىچىدىكى توغراقلىق يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ گۈزەل بولغان بىر يىل ئىكەن. سۇس تۇمان ئارىسىدىكى توغراقلار گاھ تۈتەكتەك، گاھ يامغۇردەك بىلىنىپ ، سېھىرلىك ئالەمگە ئوخشاپ قالىدىكەن، بۇلۇتلار ئېچىلىپ تۇمان تارقالغاندىن كېيىن، تۇمانلار ئارىسىدىكى توغراقلار كۆك ئاسمان قوينىدا قاشتېشىدەك گۈزەل، مەرۋايىتتەك سۈزۈكلىشىپ، ئاسان ئۇچرىمايدىغان تەبىئىي گۈزەل مەنزىرە بولۇپ شەكىللىنىدىكەن.
مەنبە: خەلق تورى