باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىككى ئىستۇدېنتلار كوللېكتىپى مەملىكەت بويىچە 100 كۈچلۈك كوللېكتىپ قاتارىغا كىردى

2013.12.17 13:37         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ: خەلق تورى ئۇيۇشتۇرغان ‹‹ياشلارنىڭ جۇڭگو ئارزۇسى›› 2013 – يىللىق مەملىكەتلىك ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىجتىمائىي ئەمەلىيىتىنى باھالاش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسى يېقىندا ئېلان قىلىندى. شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىستۇدېنتلار سەنئەت ئۆمىكىنىڭ يازلىق تەتىلدە ‹‹ئۈچنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈش››نى ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئۆمىكى، ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يازلىق تەتىللىك ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت لاگېرى ‹‹مەملىكەت بويىچە 100 كۈچلۈك كوللېكتىپ›› ئەلا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

  بۇ يىل 6 – ئايدا، شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىستۇدېنتلار سەنئەت ئۆمىكى يازلىق تەتىلدە ‹‹ئۈچنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈش››نى ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئۆمىكى قۇرۇپ، مەملىكەتلىك ئىستۇدېنتلار يازلىق تەتىللىك ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيىتى مەخسۇس تۈرىگە قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلدى ھەم دۆلەت دەرىجىلىك كوللېكتىپ، دەپ ئەنگە ئېلىندى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى يازلىق تەتىللىك ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت لاگېرىدىكى ئىستۇدېنتلار يېزا ۋە ئاساسىي قاتلاملارغا بېرىپ، قانۇن – تۈزۈملەرنى تەشۋىق قىلىش، سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاش، ياشانغان ئىگە – چاقىسىزلارغا ياردەم بېرىش، يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، ئوقۇتۇشقا ياردەم بېرىپ، نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق مەخسۇس تېمىلاردىكى بىر يۈرۈش ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، يېڭى يېزا قۇرۇشتىكى ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر ھېس قىلدى ھەم نۇرغۇن نەرسىنى ئۆگىنىۋالدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە 30 نەچچە ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى 500 نەچچە ئۇنىۋېرسىتېتتىن 400 گە يېقىن كوللېكتىپ قاتناشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر