باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىش ئەھۋالىنى مەخسۇس تەكشۈرۈشنى باشلىدى

2013.12.17 13:36         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ شىنيۈ خەۋەر قىلىدۇ: دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى، ج خ نازارىتى، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى، باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ئالتە ئورۇن بىرلىكتە ئاپتونوم رايون بويىچە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىش ئەھۋالىنى مەخسۇس تەكشۈرۈشنى 15 – نويابىر باشلىدى، بۇ تەكشۈرۈش كېلەر يىلى 29 – يانۋار ئاياغلىشىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ مەزگىلدە ئالتە ئورۇن ئاپتونوم رايون تەۋەلىكىدىكى دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ئىشلىتىۋاتقان ئورۇنلارنى مەخسۇس تەكشۈرىدىكەن. دېھقان ئىشلەمچىلەرنى كۆپرەك ئىشلىتىۋاتقان بىناكارلىق، پىششىقلىما – ئىشلىمە، يېمەك – ئىچمەك ۋە باشقا ئوتتۇرا، كىچىك ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلار، يەككە سودا – سانائەتچىلەر قاتارلىق ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق تەكشۈرىدىكەن.

  ئاپتونوم رايون بويىچە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىش ئەھۋالىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش ھازىر ئومۇميۈزلۈك باشلاندى. يېڭى يىل ۋە چاغان مەزگىلىدە، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنىڭ ئاساسەن نېسى قالدۇرۇلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشقا ئائىت دېلولار چاغانغىچە ئاساسەن بېجىرىلىپ بولۇنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر