باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بىر ئۇچى دېڭىزغا، يەنە بىر ئۇچى ئوتتۇرا ئاسىياغا تۇتاشقان (2)

2013.12.13 15:03         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1952 – يىلى يېڭى جۇڭگودا ھەممە ساھەلەردە ئىش باشلاندى، ئۇلۇغ زات ماۋ زېدۇڭ نەزەرىنى غەربىي قىسىمغا ئاغدۇرۇپ، لەنجۇ – شىنجاڭ تۆمۈريولى ياساش پەرمانىنى چۈشۈردى. شۇ يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى لەنجۇ – شىنجاڭ تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشى باشلىنىپ، ئالتە يىلدىن كېيىن تۆمۈريول قۇمۇلغا تۇتاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭدا تۆمۈريول بولماسلىقتەك تارىخقا خاتىمە بېرىلدى. 1992 – يىلى لەنجۇ – شىنجاڭ تۆمۈر يولى قوش لىنىيەسىدە قۇرۇلۇش باشلىنىپ، ئىككى يىلدىن كېيىن 1622 كىلومېتىرلىق قوش لىنىيە پۈتۈپ، يىللىق توشۇش ئىقتىدارى ئەسلىدىكى 12 مىليون توننىدىن 30 مىليون توننىغا يەتتى. 2008 – يىلىدىن باشلاپ لەنجۇ – شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى باشلىنىپ، تۆت يىلدىن كېيىن پۈتكۈل لىنىيەنىڭ يولۇچى ۋە يۈك توشۇش ئىقتىدارى بىر قاتلاندى. 2009 – يىلى 1 – ئايدا لەنجۇ – شىنجاڭ تۆمۈريولى 2 – قوش لىنىيەسى لەنجۇ – ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىدە قۇرۇلۇش باشلاندى، بۇ يىل 11 – ئاينىڭ 25 – كۈنى رېلىس ياتقۇزۇش تاماملاندى، كېلەر يىلى 4 – ئايدا پويىز سۈرئىتى تەڭشىلىپ سىناق تەرىقىسىدە قاتنايدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە 2014 – يىلىنىڭ ئاخىرى رەسمىي قاتناش باشلىنىدىكەن، شۇ چاغدا قۇمۇلدىن بېيجىڭغا قاتنايدىغان يولوچىلار پويىزىنىڭ يۈرۈش ۋاقتى ئەسلىدىكى 30 نەچچە سائەتتىن 15 سائەت ئۆپچۆرىسىگە قىسقىرايدىكەن.

  لەنجۇ – شىنجاڭ تۆمۈريولى 2 – قوش لىنىيەسى شىنجاڭ تۆمۈريولنىڭ ‹‹ئۇمۇرتقىسى››، مۇشۇ ئاساستا، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شەرقىدىن سەنتاڭخۇ – ئىچكى مۇڭغۇلدىكى ئېجىناغىچە، شەرقتە بوخەي قولتۇقىدىكى چىڭخۇاڭداۋ قاتارلىق ئۈچ پورتقىچە، غەربتە جېمىنەي، باقتۇ پورتىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ھەتتا ياۋروپاغىچە تۇتىشىدىغان شىنجاڭدىن چىقىدىغان تۆمۈريول 2 – لىنىيەسىنىڭ قۇمۇل تەۋەسىدىكى سىناق بۆلىكىدە بۇلتۇر 8 – ئايدا قۇرۇلۇش باشلاندى. ئۇنىڭ ئۈستىگە پىلان بويىچە دۇنخۇاڭ، گولمودتىن ئۆتۈپ چېڭدۇغا تۇتىشىدىغان، قۇمۇلنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى بايلىق مەركەزلەشكەن رايوننى كېسىپ ئۆتىدىغان تىرانسپورت يولى بىر غول، ئىككى قاناتلىق تۆمۈريول تىرانسپورتى يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.

  يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، مۇنداق بىر قانۇنىيەتنى ھېس قىلىسىز: مەيلى تۇنجى تۆمۈريول ياكى قوش لىنىيە ۋە ياكى 2 – قوش لىنىيە (يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول) بولسۇن، قۇمۇل شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئاۋۋال نەپكە ئېرىشكەن رايون بولۇپ، بىر ئۇچى شەرقىي دېڭىز بويىغا، يەنە بىر ئۇچى جەنۇبىي – شىمالىي شىنجاڭ، ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىياغا تۇتاشقان قاتناش تۈگۈنىگە ئايلانغان.

  قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر ۋۇ پىڭ مۇنداق دېدى: قۇمۇلدىن ئۆتۈپ سىرتقا توشۇلۇۋاتقان سانائەت مەھسۇلاتلىرى ئاساسلىقى كۆمۈر، تۆمۈر قېتىشمىسى، سودىيۇم سولفىد، كوكس ۋە كالىي تۇزى قاتارلىق بەش چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ. 2009 – يىلى قۇمۇل ۋىلايىتى تۆمۈريول ئارقىلىق سىرتقا توشۇغان ماددىي ئەشيا 6 مىليون توننىغا يەتكەنىدى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يىلىغا %10 ئاشتى، يىل بېشىدىن ھازىرغىچە سىرتقا توشۇلغان ماددىي ئەشيا 12 مىليون توننىغا يەتتى. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل سىرتقا توشۇلىدىغان يەرلىك مەھسۇلاتلار 30 مىليون توننا ئەتراپىدا بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە تۆمۈريول ۋە تاشيول بىلەن تۇشۇلغان يەرلىك مەھسۇلات ئاران 20 مىليون توننىغا يېتىدىكەن. تۆمۈريول تىرانسپورتىدىكى جىددىيچىلىك قۇمۇلنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپلا قالماستىن، يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن بولغان سودا تىرانسپورتىنى بۇغۇپ قويۇۋاتىدۇ، لەنجۇ – شىنجاڭ 2 – قوش لىنىيەسى تۆمۈريول تىرانسپورت ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ.

  قۇمۇل چوڭ تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا ئۆتمۈشتىكى كارۋانلارنىڭ ئىزناسىنى كۆرگەندەك بولدۇق. بۆگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، تۆگە قاتناش قورالى قىلىنىدىغان دەۋر كەلمەسكە كەتتى، ھەر تەرەپكە تۇتاشقان تۆمۈر تورى قۇمۇلدىن ئىبارەت قەدىمىي زېمىنغا يېڭى ھاياتلىق ۋە ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە ئەتراپتىكى قۇشنا دۆلەتلەرگە تۈرلۈك ئەشيالار ئۈزلۈكسىز تۇشۇلۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولدى.

  جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ليەنيۈنگاڭدىن باشلاپ بىر قاتار ئۆلكە، رايونلارنى كېسىپ قورغاس پورتى ئارقىلىق ئاخىرىدا قازاقىستان تەۋەسىگە كىرىدىغان تاشيول ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەر ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم يول ھېسابلىناتتى. 2011 – يىلى ليەنيۈنگاڭ – قورغاس يۇقىرى دەرىجىلىك يولى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى. 2010 – يىلى قۇرۇلۇش باشلانغان بېيجىڭ – شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى مېڭشۈينى باشلىنىش نۇقتىسى قىلغان بولۇپ، ئاراتۈرۈك، بارىكۆل ناھىيەسىدىن ئۆتىدۇ، قۇمۇل تەۋەسىدىكى ئۇزۇنلۇقى 520 كىلومېتىر. بۇ يول پۈتكەندىن كېيىن قۇمۇلدىن بېيجىڭغىچە بولغان ئومۇمىي مۇساپە 1200 كىلومېتىرغا قىسقىرايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە خېبېي ئۆلكىسىنىڭ چېڭدې شەھىرى – قۇمۇل – تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ باقتۇ پورتىغىچە بولغان دۆلەت يولى 335 – لىنىيەسى، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ دەندۇڭ – ئالتاي ئاقتۇبەك پورتىغىچە بولغان دۆلەت يولى 331 – لىنىيەسىمۇ قۇمۇل تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. قۇمۇلدىن بارىكۆلگىچە بولغان ئۆلكە يولى 303 – لىنىيەسى قۇمۇلدىكى جەنۇب – شىمال يۆنىلىشىدىكى بىردىنبىر دەرىجىلىك يول بولۇپ، 2 – دەرىجىلىك يول قۇرۇلۇشى بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا باشلاندى.

  بىز ئۈرۈمچىدىن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بىر سائەتتە قۇمۇلغا كەلدۇق. ئىگىلىشىمىزچە، قۇمۇل ئايرودۇرۇمى 1934 – يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ياسالغان بولۇپ، ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگوغا ياردەم بەرگەن ماددىي ئەشيالىرى قۇمۇل ئارقىلىق ئالدىنقى سەپكە توشۇلغان. 1998 – يىلى 11 – ئايدا قۇمۇل ئايرودۇرۇمىدا قاتناش رەسمىي ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ھەپتىدە 27 نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچقان. ھازىر ئۈرۈمچى، شىئەن، جېڭجۇ، بېيجىڭ ۋە كورلىغا قاتنايدىغان ھاۋا لىنىيەسى ئېچىلغان، گۇاڭجۇغا قاتنايدىغان ھاۋا لىنىيەسىنى ئېچىشقا تىرىشىۋېتىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن بىللە قۇمۇل ئايرودۇرۇمى يەنە 80 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ ئۇچۇش، قونۇش يولىنى 400 مېتىر ئۇزارتىپ، 4C دەرىجىلىك ئايرودۇرۇمنى 4D دەرىجىلىك ئايرودۇرۇمغا كېڭەيتىدىكەن.

  شىنجاڭ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەسىدىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى بولسا، قۇمۇل دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى قۇرۇقلۇق چوڭ لىنىيەسىنىڭ كۆۋرۈك بېشىدىكى ئىستىھكام، ئېنىرگىيە يەتكۈزۈدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئېگىزلىك، ‹‹ھاۋادا توك يەتكۈزۈش، يەردە كۆمۈر يەتكۈزۈش، يەر ئاستىدا گاز يەتكۈزۈش››تەك ئىستېرېئولۇق ئېنېرگىيە يەتكۈزۈش يولىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ئۇنىۋېرىسال ئېنېرگىيە بازىسى ھېسابلىنىدۇ.

  غەرپنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تۇرۇبا يولىنىڭ 1 – ، 2 –، 3 – لىنىيەسى قۇمۇلدىن ئۆتىدۇ، ھەر يىلى ئىچكىرىگە 100 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز يەتكۈزۈۋاتىدۇ، نۆۋەتتە پىلانلىنىۋاتقان 4 –، 5 – لىنىيىدە ھەر يىلى 60 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز يەتكۈزۈلىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە 2015 – يىلىدىن 2016 – يىلىغىچە پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن؛ قۇمۇلدىن يەنە ماي، نېفىت يەتكۈزۈش تۇرۇبا يولى ئۆتىدىغان بولۇپ، يىللىق يەتكۈزۈش ئىقتىدارى 30 مىليون توننىغا يېتىدۇ.

  كۆمۈر ئېلېكتىر، شامال ئېلېكتىر ۋە فوتو ئېلېكتىر قۇمۇل زېمىنىدا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، بۇ يەرنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇۋاتىدۇ. 2010 – يىلى 10 – ئايدا تۇنجى 750 كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتىر تورى بىلەن غەربىي شىمال ئېلېكتىر تورى تۇتاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر تورى يەككە ئايلىنىشتەك تارىخقا خاتىمە بېرىلدى؛ 2013 – يىلى 6 – ئايدا 2 – 750 كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. قۇمۇلنىڭ جەنۇبىدىن جېڭجۇغىچە بولغان 800 كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقۇرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى 2012 – يىلى 5 – ئايدا باشلاندى، شىنجاڭ، گەنسۇ، نىڭشيا، شەنشى، سەنشى، خېنەن قاتارلىق جايلاردىن ئۆتىدۇ، قوش قۇتۇپلۇق تۆۋەنكى ئۇچى تەڭشىلىپ، سىرتقا توك يەتكۈزۈشنى باشلىدى، 2014 – يىلى ئومۇميۈزلۈك ئىششقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. 3 – لىنىيە پۈتكەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش›› ئىقتىدارى 13 مىليون كىلوۋاتقا يېتىپ، يىلدا يەتكۈزىدىغان توك مىقدارى 65 مىليارد كىلوۋاتتىن ئاشىدۇ، بۇ 31 مىليون توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنى تېجىگەنگە باراۋەر بولۇپ، 30 مىڭ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، يېڭىدىن 6 مىليارد يۈەنگە يېقىن ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىدۇ.

  قۇمۇلدا زىيارەت قىلىش داۋامىدا كۆپ قېتىم مۇنداق بىر سۆزنى ئاڭلىدۇق، يەنى ئەگەر قەدىمكى يىپەك يولىنى تۆگە ۋە ئادەمنىڭ مېڭىشىدىن شەكىللەنگەن دېسەك، بۆگۈنكى كۈندە بۇ يىپەك يولى، ھېچبولمىغاندا قۇمۇل تەۋەسىدىكى يىپەك يولى پولات – تۆمۈردىن ياسالغان يىپەك يولى تۆمۈريولغا، تۈرلۈك ئاپتوموبىل ۋە زور تۈركۈمدىكى ماللارنى تېز يەتكۈزىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيولغا، شىنجاڭنىڭ، شۇنداقلا ئەتراپىمىزدىكى دۆلەتلەرنىڭ نېفىت، تەبىئىي گازىنى يەتكۈزىدىغاب يەر ئاستى يىپەك يولى ۋە ئېلېكتىر ئېقىمىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يەتكۈزىدىغان ھاۋادىكى يىپەك يولىغا تەرەققىي قىلدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر