ئىختىيارى مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى : 11- دېكابىر ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى مەردان مۇقىيت كۇچا ناھىيەلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تەربىيەلەش تېخنىكا مەكتىپىنىڭ يىغىن زالىدا ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەردىن كەلگەن 800 نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى، ئىشىچى خىزمەتچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا نۆۋەتتكى دۆلەت ئىچى، سىرىتىدىكى ۋەزىيەت ۋە پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 8- نۆۋەتلىك كومىتېتى 6- ئومۇمىي كېڭەيتىلگەن يىغىن روھىدىن مول مەزمۇنلۇق، ئاممىباپ، ، تەسىرلىك ھەم ئەمىلىي مىساللار ئارقىلىق ئەتراپلىق دوكلات بېرىپ، پۈتۈن مائارىپ سىسىتېمىسىدا يىغىن روھىنى ئۆگىنىشنىڭ يۇقىرى دۇلقۇنىنى قوزغاپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى ، ئىشىچى ـ خىزمەتچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، بۇنى ئوقۇ – ئوقۇتۇش خىزمىتى، مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، ئىدولوگىيە ساھەسىدە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ، خەلق رازى بولغان مائارىپ بەرپا قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى.