باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى

«قۇتادغۇبىلىك»نىڭ يېڭى نەشرى تارقىتىلدى

2013.12.10 09:20         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز قەدىردان قەييۇم خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى بىلەن ئۈرۈمچى «سەھەرچى» مەدەنىيەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى 3 - دېكابىر ئۈرۈمچىدە «قۇتادغۇبىلىك(پەرغانە نۇسخىسىنىڭ مەتىنى)»نىڭ يېڭى نەشرىنى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  دۇنياغا مەشھۇر شاھانە ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك»نى ئاتاقلىق شائىر، پەيلاسوپ، زامانىسىنىڭ دۆلەت ئەربابى يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدە بالاساغۇندا يېزىشقا باشلىغان، 1068 - يىلى شەرقىي قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ مەركىزى بولغان قەشقەرگە كېلىپ، بىر يېرىم يىلدىن كېيىن تاماملىغان ھەم شۇ چاغدىكى شەرقىي قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ھۆكۈمدارى خاقان تاۋغاچ ئۇلۇغ بۇغرا قاراخان ئەبۇ ئەلى ھەسەن بىن ئارسلان خانغا تەقدىم قىلغان. بىزگە بۇ شاھانە ئەسەرنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى يېتىپ كېلەلمىگەن بولسىمۇ، ھازىرغىچە ئۇنىڭ ۋېنا نۇسخىسى، قاھىرە نۇسخىسى ۋە پەرغانە نۇسخىسىدىن ئىبارەت ئۈچ نۇسخىسى يېتىپ كەلگەن. «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى ئاساسىدىكى تىرانسكرىپسىيەلىك تېكىستى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەزمىي يەشمىسى 1984 - يىلى، نەسرىي يەشمىسى 1991 - يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ خەنزۇچە نۇسخىسى 1986 - يىلى نەشر قىلىنغاندىن بۇيان، «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتى پۈتكۈل مەملىكەت مىقياسىغا كېڭىيىپ، رەسمىي بىر پەن تۈسىنى ئېلىشقا باشلىغان ۋە تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن.

  يېڭىدىن نەشر قىلىنغان «قۇتادغۇبىلىك»نى ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل - يېزىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پىروفېسسورى، ئېلىمىزنىڭ ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق ئالىم مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندى نەشرگە تەييارلىغان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى نەشر قىلغان بولۇپ، بۇ كىتاب سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيەسى 1934 - يىلى تۇركىيە تىل قۇرۇمى(تىلشۇناسلىق جەمئىيىتى)غا تەقدىم قىلغان «قۇتادغۇبىلىك» پەرغانە نۇسخىسىنىڭ فوتو كوپىيەسىدىن ئېلىنغان فاكسىمىل نۇسخىسىدۇر. 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر