باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ تۆمۈر يول قاتناش لىنىيەسى يىل ئاخىرىدا چوڭ تەڭشىلىدۇ

چۇڭچىڭ بىلەن ئۈرۈمچى ئارىلىقىدا قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزى كۆپەيتىلىدۇ

2013.12.10 09:16         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى يىل ئاخىرىدا تۆمۈريول يېڭى لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن 28 - دېكابىر سائەت نۆلدىن باشلاپ، يېڭى پويىز قاتنىشى لىنىيەسىنى يولغا قويۇپ، چۇڭچىڭ بىلەن ئۈرۈمچى ئارىلىقىدا قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزىدىن بىرنى كۆپەيتىدۇ، ئىككى يولۇچىلار پويىزىنىڭ دەرىجىسىنى تەڭشەيدۇ، 16 قېتىملىق يولۇچىلار پويىزىنىڭ يولۇچى توشۇش مۇلازىمىتى ۋە ۋوگزالدا توختاش ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ، 39 قېتىملىق يولۇچىلار پويىزىنىڭ قاتناش ۋاقتى تەڭشىلىدۇ.

  يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن چۇڭچىڭنىڭ شىمالى - ئۈرۈمچى ئارىلىقىدا قاتنايدىغان K1548/1 ،K1582/3 قېتىملىق تېز سۈرئەتلىك يولۇچىلار پويىزىنىڭ يەككە مۇساپىسى 3571 كىلومېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە چۇڭچىڭنىڭ شىمالى - ئۈرۈمچى ئارىلىقىدا قاتنايدىغان K1582/3 قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى چۇڭچىڭنىڭ شىمالىدىن سائەت 10:28 ئۆتكەندە يولغا چىقىپ، 48 سائەت 35 مىنۇتلۇق مۇساپىدىن كېيىن، سائەت 11:03 ئۆتكەندە ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىدۇ، بۇ ھازىر قاتناۋاتقان K542/3 قېتىملىق يولۇچىلار پويىزىدىن 5 سائەت 15 مىنۇت ئۇزاق ماڭىدۇ؛ ئۈرۈمچى - چۇڭچىڭنىڭ شىمالى ئارىلىقىدا قاتنايدىغان K1548/1 قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى ئۈرۈمچىدىن سائەت 17:33 ئۆتكەندە يولغا چىقىپ، 47 سائەت 55 مىنۇتلۇق مۇساپىدىن كېيىن، چۇڭچىڭنىڭ شىمالىغا سائەت 17:28 ئۆتكەندە يېتىپ بارىدۇ، بۇ ھازىر قاتناۋاتقان K544/1 قېتىملىق يولۇچىلار پويىزىدىن 25 مىنۇت ئۇزاق ماڭىدۇ. يولۇچىلار پويىزىنىڭ كونكرېت قاتناش ۋاقتى ئايرىم ئېلان قىلىنىدۇ.

  يېڭى قاتناش لىنىيەسى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، كۈيتۈن - شىئەن ئارىلىقىدا قاتنايدىغان 1044/3 قېتىملىق ئادەتتىكى يولۇچىلار تېز پويىزى K680/79 قېتىملىق تېز سۈرئەتلىك يولۇچىلار پويىزىغا ئۆزگەرتىلىدۇ، لېكىن پۈتكۈل مۇساپىدىكى توختايدىغان ۋوگزالدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ؛ ئۈرۈمچى - كۈيتۈن ئارىلىقىدا قاتنايدىغان 5803/4 قېتىملىق يولۇچىلار تېز پويىزى K9751/2 قېتىملىق تېز سۈرئەتلىك يولۇچىلار پويىزىغا ئۆزگەرتىلىدۇ. دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىنكى K9751/2 ،K680/97 قېتىملىق يېڭىچە ھاۋا تەڭشىگۈچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان پويىزنىڭ بېلەت باھاسى تېز سۈرئەتلىك پويىزنىڭ باھاسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

  بۇ قېتىمقى لىنىيە تەڭشەشتە 39 يولۇچىلار پويىزىنىڭ يولغا چىقىش ۋە مەنزىلگە يېتىپ بېرىش ۋاقتى تەڭشىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئۆزگىرىش بىر قەدەر چوڭ بولىدىغىنى ئۈرۈمچى - بېيتۈن ئارىلىقىدا قاتنايدىغان K9791 يولۇچىلار پويىزى بولۇپ، ئۈرۈمچىدىن سائەت 19:59 ئۆتكەندە يولغا چىقىدۇ، بۇ ھازىرقىدىن ئىككى مىنۇت كېيىن؛ لېكىن بېيتۈن شەھىرىگە ھازىرقىدىن 1 سائەت 10 مىنۇت بالدۇر بارىدۇ. قالغان پويىزلارنىڭ قاتناش ۋاقتىدىكى ئۆزگىرىش پەقەت بىر سائەت دائىرىسىدە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر