باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى فوتوۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ تورلاشتۇرۇلغان گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 1 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشتى

2013.12.10 09:15         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز جۇڭ شيۇلىڭنىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتىدىن ئۇقۇشىچە، «خۇادىيەن» گۇرۇھىنىڭ قۇمۇل تۆرۈك 3 - قارارلىق 20 مېگاۋاتلىق قۇياش ئېنېرگىيەلىك فوتو ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى 7 - دېكابىر رەسمىي تورلاشتۇرۇلۇپ توك تارقىتىشقا باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى فوتوۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ تورلاشتۇرۇلغان گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 1 مىليون 5 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، تۇنجى قېتىم 1 مىليون كىلوۋاتلىق ئۆتكەلدىن ئۆتكەن.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۈن نۇرى بايلىقى مول، يىللىق ئوتتۇرىچە كۈن نۇرى چۈشۈش ۋاقتى ئۇزاق بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 2 - ئورۇندا تۇرىدۇ. چۆل، باياۋان، قۇملۇق قاتارلىقلار فوتوۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىنتايىن باپ كېلىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ فوتوۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى نىسبەتەن كېيىنرەك باشلانغان بولسىمۇ، تەرەققىياتى تېز بولدى. 2011 - يىلى 3 - ئايدا جۇڭگو ئېلېكتىر ئېنېرگىيە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھ شىركىتى 326 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ قۇرغان قۇمۇل فوتوۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ فوتوۋولت كەسپى تەرەققىياتىدىكى نامايەندە تۈر بولۇپ قالدى؛ شۇ يىلى 6 - دېكابىر قۇمۇل فوتوۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ 1 - قارارلىق قۇرۇلۇشى رايونلار بويىچە تورلاشتۇرۇلۇپ توك تارقىتىشقا باشلىدى، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزدا فوتوۋولت كەسپىنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. مول قۇياش ئېنېرگىيەسى بايلىقىغا ئىگە قۇمۇل ۋىلايىتى مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ فوتوۋولت كەسپى بازىسى بەرپا قىلماقتا، ھازىر دۆلەت ئىچىدىكى 30غا يېقىن داڭلىق كارخانا قۇمۇل تۆرۈك فوتوۋولت كەسپى رايونىغا ماكانلاشتى.

  ھازىر فوتوۋولت كەسپى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تەرەققىي قىلدۇرۇلۇۋاتىدۇ، بورتالا، شىخەنزە، كۈيتۈن، تۇرپان، ئارال، خوتەن قاتارلىق جايلارغا نۇرغۇن كارخانا، گۇرۇھ ماكانلىشىپ، فوتوۋولت كەسپىگە مەبلەغ سالدى، 2012 - يىلىلا 20 نەچچە كارخانا ئاپتونوم رايونىمىزدا فوتوۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇردى.

  دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتى فوتوۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىغا ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىپ، فوتوۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنى تۇتاشتۇرۇش لايىھەسىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، فوتوۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنى تورلاشتۇرۇش خىزمىتى ئۈچۈن كۈچەپ مۇلازىمەت قىلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتى يەنە «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش»نى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشلەپچىقارغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى سىرتقا شەرتلىك توشۇشقا كاپالەتلىك قىلدى. 2010 - يىلى 11 - ئايدا 750 كىلوۋولتلۇق شىنجاڭ بىلەن غەربىي شىمال ئېلېكتىر تورىنى بىرلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ 2013 - يىلى 6 - ئايدا شىنجاڭ بىلەن غەربىي شىمال ئاساسلىق تورىنى بىرلەشتۈرۈش 2 - يولى پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» ئىقتىدارى يەنىمۇ ئاشۇرۇلدى؛ پۈتۈش ئالدىدا تۇرغان شىنجاڭدىكى تۇنجى ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشىنىڭ قۇمۇل - جېڭجۇ 800± كىلوۋولتلۇق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى قاتارلىق «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش»تىكى ئۈچ چوڭ قۇرۇلۇش «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» ئىقتىدارىنى 13 مىليون كىلوۋاتقا يەتكۈزۈپ، يىللىق توك يەتكۈزۈش مىقدارىنى سائىتىگە 65 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر