باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى تۇنجى يۇقىرى سۈرئەتلىك قۇملۇق تاشيولىدا ئومۇمىي لىنىيە بويىچە قاتناش باشلاندى

دۆلەت يولى 216 - لىنىيەسى كۆيۈكتاغ - داخۇاڭشەن بۆلىكىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 96.3 كىلومېتىر بولۇپ، جەمئىي 2 مىليارد 760 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى

2013.12.10 09:12         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز يۈەن لېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىدىن ئۇقۇشىچە، شىنجاڭدىكى تۇنجى يۇقىرى سۈرئەتلىك قۇملۇق تاشيولى − دۆلەت يولى 216 - لىنىيەسىنىڭ كۆيۈكتاغ - داخۇاڭشەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا 7 - دېكابىر بېيجىڭ ۋاقتى سائەت نۆلدە ئومۇمىي لىنىيە بويىچە قاتناش باشلانغان، يول ياقىسىدىكى قوشۇمچە قۇرۇلۇشلارمۇ تاماملانغان.

  شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقىدىكى بۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 96.3 كىلومېتىر، يول جەنۇب - شىمال يۆنىلىشىدە قوش يۆنىلىشتىكى تۆت ئاپتوموبىل يولى بولۇپ، ئاپتوموبىل سۈرئىتى سائىتىگە 120 كىلومېتىر قىلىپ لايىھەلەنگەن، پۈتۈن لىنىيەگە 2 مىليارد 760 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. ئۇ شىنجاڭ تاشيول تورى يىرىك پىلانىنىڭ «ئۈچ توغرا، ئىككى ۋېرتىكال يۆنىلىش، ئىككى ئايلانما، سەككىز يول» ئاساسىي گەۋدە تورىدىكى «ئىككى ۋېرتىكال»نىڭ مۇھىم قىسمى، شۇنداقلا شىمالىي شىنجاڭدىن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شەرقىغىچە بولغان مۇھىم غول لىنىيە، شۇنداقلا تۇرپان - ئۈرۈمچى - داخۇاڭشەن يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيولىنىڭ ئۇزارتىلغان لىنىيەسى ھېسابلىنىدۇ.

  بۇ تاشيولنىڭ قىسمەن يول بۆلەكلىرى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى − قارامايلىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، تۈر لايىھەسىدە ھايۋانلار ئۆتىدىغان 20 يول قالدۇرۇلغان، مۇھاپىزەت رايونىدىكى ياۋا ئات، بۆكەن قاتارلىق ھايۋانلار ۋە ئۇلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى قوغداش ئۈچۈن، مۇھاپىزەت رايونىدىكى يولنى ياسىغاندا كەڭلىكى سەككىز مېتىر كېلىدىغان توققۇز سۈڭگۈچ قويۇلغان.

  بۇ تۈر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى يۇقىرى سۈرئەتلىك قۇملۇق تاشيولى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «ئۈچ توغرا، ئىككى ۋېرتىكال يۆنىلىش، ئىككى ئايلانما، سەككىز يول»نى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى ئەتراپىنىڭ قاتناش بېسىمىنى پەسەيتىپ، شەرقىي جۇڭغار كۆيۈكتاغ رايونىنىڭ نېفىت، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىشىنى تېزلىتىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ توپىغا تۈرتكە بولۇپ، رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر