باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە غۇلجا شەھىرىدە سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارار - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى پىلانلاش كېرەك

2013.12.10 09:10         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن7-دېكابىر غۇلجا شەھىرىدە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقلىرى(دائىمىي ۋالىيلىرى، دائىمىي مۇئاۋىن شەھەر باشلىقلىرى)بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كېلەر يىللىق ئىقىتىساد خىزمىتىنى قانداق ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا پىكىر ئالدى.

  مۇخبىرىمىز چېڭ لىشىن خەۋەر قىلىدۇ: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە 6 - دېكابىردىن 8 - دېكابىرغىچە غۇلجا شەھىرىدە سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى. جاڭ چۈنشيەن يىغىندا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقلىرى، دائىمىي مۇئاۋىن ۋالىيلىرى، دائىمىي مۇئاۋىن شەھەر باشلىقلىرى ۋە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەر قايسى ناھىيە، شەھەر ۋە ئىككى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 6 - ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا پىكىر ئالدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم «تېما كۆرسەتتى»

  ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 6 - ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يۇقىرى - تۆۋەن ھەممىنىڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى. قانداق قىلغاندا يىغىن روھىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ ئورۇنداپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگىلى بولىدۇ؟ يىغىن ئېچىلىشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسىگە: ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنى بىلەن ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 6 - ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن)يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى تەدبىرلەر قايسىلار؟ 2013 - يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكى، ئاساسلىق تەجرىبىلىرى ۋە 2014 - يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، مۇھىم تەدبىرلىرى قايسىلار؟ ھازىر ئاپتونوم رايون ۋە يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئاساسلىق ئامىللار ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ يولى نېمە؟ دېگەن ئۈچ «تېما»نى كۆرسىتىپ بەردى ھەم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقلىرى، دائىمىي مۇئاۋىن ۋالىيلىرى، دائىمىي مۇئاۋىن شەھەر باشلىقلىرىنى يىغىپ سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئىقتىساد خىزمىتىنى مەخسۇس مۇزاكىرە قىلدى، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزدا تېخى تۇنجى قېتىملىق ئىش بولۇپ، سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار ئۈچ جەھەتتىكى خىزمەتنى چۆرىدەپ تەپسىلىي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە ئويلاندى.

  يىغىندا 33 يولداش سۆز قىلدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە، بولۇپمۇ ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش جەھەتتىكى تەجرىبىلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ئاساستا، سانلىق مەلۇماتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقتى، كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پائال چارە كۆرسەتتى. ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق كۆپچىلىك ئۆز رايونىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە يېتەرسىزلىكىنى تېپىپ ھەم يەكۈنلەپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ بۆسۈش ئېغىزىنى تاپتى ھەم نۇرغۇن ياخشى پىكىر - تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  يىغىن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن ئەتىسى تاڭ سەھەر 1گىچە داۋاملاشتى.

  ئىقتىساد خىزمىتى ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئورۇنداشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ يارقىن نۇقتىسى

  جاڭ چۈنشيەن ھەر بىر كىشىنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، كۆپچىلىك بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش كەيپىياتى ئەۋج ئېلىپ، ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلدى. ئىقتىساد خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يولداشلارنىڭ روھىي قىياپىتى ياخشى بولۇپ، ئۆزگىرىش ياساش، ئىسلاھ قىلىش، دادىل زىممىسىگە ئېلىش ئارقىلىق شىنجاڭچە روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭچە ئۈنۈمنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى. كۆپچىلىكنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە ئائىت مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىرىگە كىرگۈزۈلۈپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئاساس سېلىنىدۇ.

  يىللىق نىشان - ۋەزىپىنى قەتئىي ئورۇندايمىز

  جاڭ چۈنشيەن نۆۋەتتىكى بىر قانچە تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇنداق دېدى: ئۆگىنىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 6 - ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يىغىن روھىنى ئەمەلىي خىزمەتتە گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: بۇ يىللىق تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىنى قەتئىي ئورۇنداپ، پۈتۈن يىللىق خىزمەتنى ئەمەلىي، ياخشى ئىشلەش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىسلاھات ئارقىلىق ئومۇمىي ۋەزىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىگە ياخشى تەييارلىق قىلىش كېرەك.

  «تۆت خىل ئاڭ» ئارقىلىق ئىقتىساد خىزمىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئومۇمىيەت ئېڭى − مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارار - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش؛ بىر تۇتاش پىلانلاش ئېڭى − ئومۇمىيلىق بىلەن قىسمەنلىك، ئۇزاق نىشان بىلەن يېقىنقى مەزگىلدىكى خىزمەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش؛ مۇھىم نۇقتا ئېڭى − ئەجەللىك يېرىنى تۇتۇپ، بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش؛ مۇقىملىق ئېڭى − ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇشتىن ئىبارەت تۆت خىل ئاڭنى تۇرغۇزۇشى كېرەك.

  رەھبىرىي كادىرلاردا يېڭى تونۇش، يېڭى بىلىم، يېڭى قىياپەت، يېڭى مەنزىل بولۇشى كېرەك

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۆز خىزمەت ئورنىنى مەۋقە قىلىپ، چېنىقىپ ئۆسۈپ يېتىلىشى كېرەك.

  بىرىنچى، يېڭى تونۇشقا ئىگە بولۇش. ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ياخشى ئورۇنداشتا، ج ك پ 18 - قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە يېڭى تونۇشقا ئىگە بولۇپ، ئەستايىدىل چۈشىنىپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئەستايىدىل رەتلەپ، يېڭى نىشان، يېڭى ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.

  ئىككىنچى، يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىش. بىر تەرەپتىن، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى ئاساس قىلغان ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش بىلىمىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىشنى ياخشى باشلاپ چىرايلىق تۈگىتىش، چوڭ ئىشلارنى قىلىش، ئىشنى پۇختا قىلىش، ئۇزاقنى پىلانلاش بىلىملىرىنى ئىگىلەش كېرەك. يەنە ئىقتىساد، دىن، مىللەت، تارىخ، پەلسەپە بىلىملىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىش كېرەك. ئۆگىنىشنىڭ چېكى بولمايدۇ، شۇڭا، ئۆمۈربويى ئۆگىنىش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش، توردا ئۆگىنىش ۋە كىتابلاردىن ئۆگىنىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش كېرەك.

  ئۈچىنچى، يېڭى قىياپەتكە ئىگە بولۇش. جۇشقۇنلۇق بىلەن يۇقىرى ئۆرلەشتەك روھىي ھالەت، نېپىز مۇز ئۈستىدە مېڭىۋاتقاندەك خىزمەت پوزىتسىيەسى بولۇش، ئۆزى ئۈلگە بولۇش، پاك - دىيانەتلىك بولۇش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، ئاممىغا تەشۋىق قىلىشتا ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش كېرەك.

  تۆتىنچى، يېڭى مەنزىلگە ئىگە بولۇش. ئەلنىڭ ئوتىدا كۆيىدىغان، سۈيىدە ئاقىدىغان ھېسسىيات بولۇشى؛ خىرىسنى مەسئۇلىيەت دەپ بىلىدىغان، جاپا - مۇشەققەتنى ئىرادىنى تاۋلاش دەپ بىلىدىغان روھ بولۇش؛ ھەر مىللەت خەلقنى قىزغىن سۆيىدىغان، ھەر مىللەت خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان ئىرادە بولۇش؛ جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش، شىنجاڭ قەسىدىسىنى يېزىش، يۇرت - ماكانىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىدىغان تەشەببۇسكارلىق ئېڭى بولۇش كېرەك. تىرىشقاندىلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، تىرىشساقلا ئۆزگەرتەلەيمىز، دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىمىزنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن خۇاڭ ۋېي، بەي جىجيې، كۈرەش مەخسۇت، ۋەن خەيچۈەن قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر