باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ قەسىر–ساراي سېلىشىنى توختىتىدۇ ۋە ئىشخانا ئۆيلىرىنى قەتئىي ئېنىقلايدۇ

2013.12.10 08:48         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك 97 ئورۇن ۋە 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تۈزەش باسقۇچىغا قەدەم قويدى

  لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى جامائەت مۈلكى ۋە ئاساسىي قۇرۇلۇش باشقارمىسىنىڭ يېڭىدىن پۈتكەن بىرلەشمە ئىشخانىسىدا 4 – دېكابىر تەسىس قىلىنغان ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭىدىن قەسىر – ساراي سېلىشنى توختىتىش ۋە ئىشخانا ئۆيلىرىنى ئېنىقلاش بويىچە مەسلىھەت بېرىش تېلېفونى توختىماي جىرىڭلاپ تۇردى. ئاپتونوم رايون يېڭىدىن قەسىر – ساراي سېلىشنى توختىتىش ۋە ئىشخانا ئۆيلىرىنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغاندىن باشلاپ 10 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك 97 ئورۇن ۋە 14 ۋىلايەت، ئوبلاست(شەھەر)لىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئۆزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاپ، ھازىر تۈزەش باسقۇچىغا قەدەم قويدى.

  مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 23 – ئۆكتەبىر يېڭىدىن قەسىر – ساراي سېلىشنى توختىتىش ۋە ئىشخانا ئۆيلىرىنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى نەق مەيداندا تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدا يېڭىدىن سېلىنغان ۋە كېڭەيتىپ سېلىنغان قىسمەن ئىشخانا ئۆيلىرى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش ئەھۋالى ۋە تەقسىملەش تەكشى بولماسلىق، ئىشخانا ئۆيلىرىنى باشقۇرۇش قېلىپلاشماسلىق، بىرلىككە كەلگەن باشقۇرۇش تۈزۈمى شەكىللەنمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت ئىكەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى يېڭىدىن قەسىر – سارايلارنى سېلىشنى توختىشىش ۋە ئىشخانا ئۆيلىرىنى ئېنىقلاش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىپ، تۈزەش، بوشىتىپ قايتۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەڭگۇڭتىڭى جايلار ۋە ئورۇنلارغا ‹‹پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ يېڭىدىن قەسىر – ساراي سېلىشىنى توختىتىش ۋە ئىشخانا ئۆيلىرىنى قەتئىي ئېنىقلاش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش›› تارقىتىپ، تۈزەش تەلىپىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈزەش ئۆلچىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشنى تەكىتلىدى.

  ئاپتونوم رايون 12 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بەش تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك 15 ئورۇنغا ئەۋەتىپ، ئىشخانا ئۆيلىرىنى تۈزەش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە نازارىتى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر قۇرۇلۇشى نازارىتى، ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىشخانا ئۆيلىرىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار تۈزۈملەرنى تۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە يوللاپ، تەستىقلىغاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ ھەم جايلار، ئورۇنلارنىڭ ئىشخانا ئۆيلىرىنى ئىشلىتىشىنى باشقۇرۇشقا دائىر تۈزۈملەرنى تۈزۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۇزاق ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش مېخانىزمى شەكىللەندۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشخانا ئۆيلىرىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش، كەسىپلەشتۈرۈشىگە پۇختا ئاساس سالىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى جامائەت مۈلكى ۋە ئاساسىي قۇرۇلۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جيەن جياڭ مۇنداق دېدى: ئىدارىمىز ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭىدىن قەسىر – ساراي سېلىشنى توختىتىش ۋە ئىشخانا ئۆيلىرىنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى باشلامچىلىق بىلەن يولغا قويغان ئىدارە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىدارىدىكى ئەسلىي ئىككى ئادەم ئىشلەيدىغان ئىشخانىلارنىڭ توسۇق تاملىرىنى چېقىپ، كۆپ ئادەم بىللە خىزمەت قىلىدىغان ئوچۇق شەكىلدىكى چوڭ ئىشخانىغا ئۆزگەرتتۇق. بۇنىڭ بىلەن خىزمەت ئورنى تېجىلىپلا قالماستىن يەنە كۆپچىلىكنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشىغا قولايلىق يارىتىلىپ، خىزمەت ئۈنۈمى ئۆستى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر