باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

غەيرىتىڭىزگە بارىكاللا غالدىر قىزى

2013.12.06 11:07         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رىقابەت ۋە رەڭگارەڭ قىسمەتلەرگە تولغان بۇ دۇنيا گويا بىر رەھىمسىز جەڭگاھ. بۇ جەڭگاھتا ئىرادىلىك، تەدبىرلىكلەر تاۋلىنىپ چىقىدۇ. ئىرادە كەمىرىنى مەھكەم باغلاپ، غايىسى ئۈچۈن ئېگىلمەي – سۇنماي ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلىپ، ھالال مېھنىتى، جاپالىق ئەجرى بىلەن ھاياتلىق بېغىدا گۈل ئۈندۈرەلىگەنلەرگە تەقدىر ھامان كۈلۈپ باقىدۇ. دەسلەپتە قىممىتى 350 يۈەنگىمۇ يەتمەيدىغان كونا تىككۈچىلىك ئەسۋابلىرى بىلەن ئىش باشلاپ، بۈگۈنكى كۈندە بىر كارخانىنىڭ ئىگىسىگە ئايلانغان ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قاراتال بازىرىدىكى ‹‹نۇرنىسا كىيىم – كېچەك زاۋۇتى››نىڭ قۇرغۇچىسى نۇرنىسا خۇدابەردى ئەنە شۇنداق ھالال مېھنىتى بىلەن ئىگىلىك تىكلەپ، ئۆز تەقدىرىنىڭ خوجايىنىغا ئايلىنىپ، ئۆزىنىڭ قەدىر – قىممىتىنى نۇرلاندۇرۇپ كېلىۋاتقان سەھرا قىزلىرىنىڭ بىرى.

  باشلانغۇچنىڭ 1 – يىللىقىدىن باشلاپ ئىزچىل ئەلاچى ئوقۇپ كېلىۋاتقان نۇرنىسا ئائىلە قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن، 1996 – يىلى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئوقۇشتىن توختاشقا مەجبۇر بولدى. ئۇ دەسلەپتە ئائىلىسىدىكىلەرگە قېيدىغاندەك قىلىپ، بىرنەچچە كۈن تالاغىمۇ چىقماي يىغلىدى، زارلاندى، كېيىن تەقدىرى ئۈستىدە ئويلاندى...

  − قىزىم، بىزنى كەچۈرگىن، قىيىنچىلىقىمىزنى سەنمۇ ئوبدان بىلىسەن، ئائىلىمىزدىكى توققۇز جان ئون نەچچە مو يەرگە تايىنىپ، كۈنىمىزنى تەستە ئۆتكۈزۈۋاتىمىز، قۇربىمىز يېتىدىغان ئىش بولسا سېنى ئوقۇتماي نېمە قىلاتتۇق؟ - دېدى ئانىسى نەچچە كۈندىن بۇيان تۈزۈكرەك تاماق يېمەي ياداپ كەتكەن قىزىغا ئىچ ئاغرىتىپ، – ئىمكانىيىتىمىز يار بەرگەن بولسا، ئاكا – ھەدىلىرىڭنىمۇ ئوقۇتماسمىدۇق؟ ‹‹يوقسۇللۇق تاشتىن قاتتىق›› ئىكەن!...

  − ئاپا، بولدى سۆزلىمەڭ، ئىدىيەمدىن ئۆتتى، ئەمدى ئوقۇيمەن، دەپ سىلەرنى خىجىل قىلمايمەن، تىككۈچىلىكنى ئۆگىنەيمىكىن دەيمەن. شۇنداق ئىرادىگە كەلدىمكى، مەن نامراتلىققا جەڭ ئېلان قىلىپ، تەقدىرىمنى ئۆزگەرتىمەن!...

  − شۇنداق ئىرادىگە كەلگەن بولساڭ، سېنى قوللايمىز قىزىم، – دېدى ئانا نۇرنىسانىڭ كەسكىن خىتابىدىن مەمنۇن بولۇپ.

  شۇنداق قىلىپ ئەقىللىق، زېرەك نۇرنىسا شۇ يىلى كەچ كۈزدە، قاراتال بازىرىنىڭ غالدىر كەنتى 4 – مەھەللىسىدىكى ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ، ئاقسۇ شەھىرىدىكى داڭلىق بىر تىككۈچى ئۇستام ئاچقان ‹‹ئۈمىد نۇرى›› تىككۈچىلىك مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىردى. نەزەرىيە بىلىملىرىنى ۋە ئەمەلىي مەشغۇلات ماھارىتىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، بىر يىلغا قالماي تىككۈچىلىك ھۈنىرىنى قولىغا ئالدى ھەم ئائىلىسىگە قايتىپ، 1998 – يىلى 3 – ئايدىن باشلاپ، بىر كونا كىيىم تىكىش ماشىنىسى، كونا چولاش ماشىنىسى، كونا ئوت دەزمال قاتارلىق ئەسۋابلار بىلەن ئائىلىسىدىكى دېرىزىسىمۇ يوق كىچىككىنە بىر ئېغىز ئۆينى ‹‹دۇكان›› قىلىپ ئىش باشلىدى. كۈندۈزلىرىمۇ لامپۇچكا يورۇتۇپ قويۇپ، تىككۈچىلىك قىلدى. ئۇ ھۈنەردە زىل، مۇلازىمەتتە سەمىمىي بولغاچقا، تېزلا خېرىدارلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، تۇنجى يىلىلا ئايلىق ساپ كىرىمىنى 2500 يۈەندىن ئايلاندۇردى. ئائىلە تۇرمۇشىمۇ يىلدىن – يىلغا ياخشىلاندى، ئۈچىنچى يىلىغا كەلگەندە، تىككۈچىلىك قىلىپ تاپقان پۇلى بىلەن، ئاتا – ئانىسىغا 88 كىۋادرات مېتىرلىق بىر يۈرۈش ئۆي سېلىپ بەردى. ئۇ ياتلىق بولغاندىن كېيىنمۇ، شاگىرت قوبۇل قىلىپ، ئائىلىسىدە تىككۈچىلىكنى داۋاملاشتۇردى. 2008 – يىلى دۇكىنىنى قاراتال بازىرى مەركىزىگە يۆتكەپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ خېرىدارلىرى تېخىمۇ كۆپىيىپ، يىراق – يېقىندا داڭقى چىقىشقا باشلىدى. ئۈچتۇرپان، باي قاتارلىق ناھىيەلەردىن كېلىپ، ئۇنىڭدىن ھۈنەر ئۆگىنىدىغانلار كۆپەيدى. بۇنىڭ بىلەن دۇكاننى كېڭەيتىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلدى. ئۇ 2010 – يىلى بازار مەركىزىنىڭ ئاۋات يېرىدىن 72 كىۋادرات مېتىرلىق بىر دۇكاننى 128 مىڭ يۈەنگە سېتىۋالدى. ھەر يىلى دېگۈدەك ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، تىككۈچىلىك كۇرسلىرىغا قاتنىشىپ، كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ كېلىۋاتقان نۇرنىسانىڭ كۆزى خېلى ئوبدانلا ئېچىلىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدا چوڭراق بىر ئىش قىلىپ بېقىش ئىستىكى تۇغۇلدى. ئۇ يولدىشى ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، 2012 – يىلى بازار مەركىزىدىن 600 كىۋادرات مېتىرلىق بىر يۈرۈش تىجارەت ئۆيىنى ئىجارىگە ئېلىپ، 230 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ ‹‹نۇرنىسا كىيىم – كېچەك زاۋۇتى››نى قۇرۇپ، ‹‹نۇرنىسا›› ماركىسىنى ئەنگە ئالدۇردى.

  نۇرنىسا خۇدابەردى تىككۈچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان 16 يىلدىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ناھىيە(شەھەر)لىرى، يېزا – بازارلىرىدىن كەلگەن 300 دىن ئارتۇق شاگىرتنى تەربىيەلىدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆز ئالدىغا دۇكان ئېچىپ، تىككۈچىلىك قىلىۋاتقانلار 40 تىن ئاشتى. ئۇ يەنە 2010 – يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە ئىككى قارار كۇرس ئېچىپ، نامرات، يېتىم – يېسىرلارنى ھەقسىز تەربىيەلىگەندىن باشقا، ئۇلارنىڭ تاماق، كىيىم – كېچەك ۋە تۇرمۇش خىراجىتىنى ئۈستىگە ئالدى. 2011 – يىلى بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، بازار تەۋەسىدىكى 300 دىن ئارتۇق ئايالنى رەخت ۋە مارجاندىن ھەر خىل گۈل، لوڭقا قاتارلىق زىننەت بۇيۇملىرىنى ياساش، كانۋا ئىشلەش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلىدى. ئۇ 2009 – يىلى كەنت تەۋەسىدىكى باشقىلار ھۆددە ئېلىشنى خالىمىغان 200 مو نەشپۈتلۈك باغنى ئون يىللىق ھۆددە ئالغانىدى. بۇ قوشۇمچە ئىگىلىك كېيىنكى كۈنلەردە، ئىگىلىكىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە كېڭەيتىشتىكى ئىقتىسادىي مەنبە بولۇپ قالدى.

  ئىلگىرى نامراتلىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان نۇرنىسا ھال كۈنى ياخشىلانغاندىن كېيىن، مائارىپنى قوللاشنى، نامرات، ئاجىز، يېتىم – يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىيلاشنى ئۇنتۇپ قالمىدى، بىر قىسىم نامرات كىشىلەرنىڭ كىيىم – كېچىكىنى ھەقسىز تىكىپ بېرىش بىلەن بىللە، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 1400 يۈرۈشتىن ئارتۇق سەھنە كىيىمىنى ئەڭ تۆۋەن باھادا ياكى ھەقسىز تىكىپ بەردى. ئۇ يەنە 2011 – يىلىدىن باشلاپ، قۇربان ھېيت، روزا ھېيت، يېڭى يىل بايراملىرىدا بازارلىق ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە بېقىلىۋاتقان 35 كىشىدىن ئۆزى تىككەن كىيىم – كېچەكلەر بىلەن ھال سوراپ، ئۇلارغا جەمئىيەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى.

  نۇرنىسا خۇدابەردى كارخانا باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە، بۇلتۇر 10 – ئايدىن بۇ يىل 4 – ئايغىچە شىنجاڭ ‹‹پارلان›› شىركىتى ئاچقان كەسپىي دىرېكتورلارنى تەربىيەلەش مەكتىپىدە مەخسۇس تەربىيەلىنىپ، كارخانا باشقۇرۇش كەسپى بويىچە لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى ئالدى. بۇ جەرياندا يەنە كەسىپكە ئالاقىدار كۆلەملەشكەن زامانىۋى كارخانىلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، كارخانىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، رىقابەتتە پۇت تىرەپ تۇرۇشتا، ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ مۇھىملىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىپ، زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقانلار ۋە شاگىرتلار ئىچىدىن بەش ئادەمنى تاللاپ، ئۇلارنىڭ بارلىق خىراجىتىنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىپ، ‹‹پارلان›› كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپىدە مەخسۇس تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتتى ھەمدە كارخانىنى ئەنگە ئالدۇرۇشقا تۇتۇش قىلدى.

  نۇرنىسا بۇ يىل 9 – ئاينىڭ ئاخىرى ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان ‹‹شىنجاڭ ئاياللىرىنىڭ <گۈزەللىك قۇرۇلۇشى>نى مەھەللە، يېزا – كەنتلەرگە يەتكۈزۈش›› پائالىيىتى بويىچە مىللىي كىيىم – كېچەك كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىپ، ئۆزى لايىھەلىگەن ۋە ئۆزىنىڭ زاۋۇتىدا تىكىلگەن مىللىي پاسونىدىكى نەپىس كىيىم – كېچەكلەرنى ئاقسۇ شەھىرى، ئاۋات، ئونسۇ، توقسۇ، كۇچا ناھىيەلىرىدە كۆرگەزمە قىلىپ، باھالىغۇچىلارنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، ئاخىرىدا ئاقسۇ شەھىرىگە ۋاكالىتەن 10 – ئاينىڭ 20 – كۈنىدىن 25 – كۈنىگىچە گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت كىيىم – كېچەك يەرمەنكىسى››گە قاتنىشىش شەرىپىگە ئېرىشىپ، ئۇيغۇر مىللىي كىيىم – كېچەكلىرىنىڭ جۇلاسىنى دۆلەت ئىچى – سىرتىغا نامايان قىلىشقا تېگىشلىك ھەسسە قوشتى ھەمدە بۇ قېتىملىق كۆرگەزمە ۋە يەرمەنكىگە قاتنىشىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ‹‹نۇرنىسا›› ماركىسىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتتى. ھازىر ئۇنىڭ زاۋۇتىدا مۇقىم مائاش ئېلىپ ئىشلەۋاتقانلار 27 گە يېتىپ، زاۋۇتنىڭ ئايلىق ساپ كىرىمى 15 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

  مەن ئۇنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن كىيىم – كېچەك زاۋۇتىغا بارغىنىمدا، 20 دىن ئارتۇق قىز – چوكان زاۋۇت بىناسىنىڭ 2 – قەۋىتىدىكى زالدا كىيىم تىكىش ماشىنىلىرىدا كىيىم تىكىۋاتقان ئىكەن. ياندىكى ئۆيلەر دەرسخانا، ئىشخانا ۋە ئامبار بولۇپ، 1 – قەۋەتتىكى 50 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان دۇكانغا رەتلىك ئېسىپ قويۇلغان ھەر خىل رەختلەر ھەم ئۇنىڭدىن تىكىلگەن نەپىس كىيىملەر كۆزنى قاماشتۇراتتى.

  نۇرنىسا ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: مەن ھازىر كارخانىنى ئەنگە ئالدۇرۇش، بازار ئېچىش جەھەتتىكى زۆرۈر شەرتلەرنى ھازىرلاپ بولدۇم، لېكىن مەبلەغ كەمچىل بولۇش مەسىلىسى ھەل بولمايۋاتىدۇ. مېنىڭ مۇنداق ئىككى ئارزۇيۇم بار: بىرى، ياشانغانلار، يېتىم – يېسىرلار ساناتورىيەسىدىن بىرنى قۇرۇپ، خەير – ساخاۋەت ئىشلىرىغا ھەسسە قوشۇش؛ يەنە بىرى، كارخانىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارنى تەربىيەلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمىنى يېنىكلىتىش. ئىشىنىمەنكى، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى ۋە ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن بۇ قىيىنچىلىقلار ئۇزاققا بارماي ھەل بولىدۇ، ئارزۇيۇممۇ ئەمەلگە ئاشىدۇ...

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر